جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ 2013 - يىللىق تۆمۈريول مال تىرانسىپورت مىقدارى بېكىتىلدى

0 2013-06-21 10:31:55   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      يېقىندا ئېچىلغان جۇڭگو  قازاقىستان چېگرا تۆمۈريول تىرانسىپورتى 12 - قېتىملىق يىغىنىدا، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستان ئىككى تەرەپ دەسلەپكى قەدەمدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى. كېلىشىمدە مۇنداق بېكىتىلدى: 2013 - يىلى دوستىك − ئالاتاغ تۆمۈريول چېگرا پورتى ئرقىلىق توشۇلىدىغان مال مىقدارى 17 مىليون توننىغا يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگودىن قازاقىستانغا توشۇلىدىغىنى 6 مىليون توننا، قازاقىستاندىن جۇڭگوغا توشۇلىدىغىنى 11 مىليون توننا، ئەڭ ئاخىرقى توشۇلۇش مىقدارى2013- يىلى 3 - ئايدا ئېچىلىدىغان تۆمۈريول ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا قارار قىلىنىدۇ.
      ئىگىلىنىشىچە، 2012 - يىلى دەسلەپكى 8 ئايدا جۇڭگو- قازاقىستان چېگرىسىدا جەمئىي 10 مىليون 585 مىڭ توننا مال توشۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقىستاندىن جۇڭگوغا توشۇلغىنى 6 مىليون 661 مىڭ توننا، جۇڭگودىن قازاقىستانغا توشۇلغىنى 3 مىليون924مىڭ توننا بولغان. 2012 - يىلىنىڭ دەسلىپىدە كېلىشىلگەن 16 مىليون 500 مىڭ توننىلىق مال توشۇش پىلانىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ 2012 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى دوستىك - ئالاتاغ چېگرا پورتىدا تار رېلىسلىق پويىزدىن 31 نى، كەڭ رېلىسلىق پويىزدىن ئاز دېگەندە12 نى، يۈك ۋاگونىدىنمۇ ئاز دېگەندە500نى سەپلەشنى كېلىشكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر