جۇڭگو شىنجاڭ يېڭى بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق سودىنى گۈللەندۈرۈش ئېكسپورت بازىلىرىنى قۇردى

0 2013-06-17 12:39:59   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ۋە پەن - تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىشخانىسى بىرلىشىپ يېڭى بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق سودىنى گۈللەندۈرۈش ئېكسپورت بازىلىرىنى قۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
      ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە يېڭى بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق سودىنى گۈللەندۈرۈش ئېكسپورت بازىلىرىنى قۇرۇش پائالىيىتى مەلۇم قىلىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، قاراماي، قەشقەر، بايانغول موڭغۇل ئاتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى10 تەرەققىيات باغچىسى ۋە كارخانا ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ پائالىيەتكە قاتناشقان بۇلار قاراماي نېفىت خىمىيە سانائەت باغچىسى، شىنجاڭ كوئىنلۇن قۇرۇلۇش - بىناكارلىق بالونى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى سودا ئىشلىرى ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى قورغاس پاختا توقۇمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ۋە پەن - تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىشخانىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش - تەتقىقات ۋە باھالاش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، 2012 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئىككىنچى تۈركۈمدە قۇرۇلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق سودىنى گۈللەندۈرۈش ئېكسپورت بازىلىرىنى بېكىتىدۇ.
      ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق سودىنى گۈللەندۈرۈش ئېكسپورت بازىلىرىنى قۇرۇشنىڭ شىنجاڭدىكى ئېكسپورت كارخانىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خاس بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولغان خاس داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتىنى كېڭەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىلغار تېخنىكىنى كىرگۈزۈپ ۋە قوبۇل قىلىپ، قايتا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تاشقى سودا بىلەن پەن - تېخنىكىنىڭ ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ھەمدە پۈتكۈل شىنجاڭ تەۋەسىدە يېڭىلىق يارىتىش بازىلىرى كارخانىلار نىڭ تەجرىبىلىرىنى كېڭەيتىپ، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا زور ياردىمى بار.
      شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ۋە پەن - تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىشخانىسى ئاپتونوم رايونىمىز مىقياسىدا باسقۇچ ۋە تۈركۈم بويىچە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق سودىنى گۈللەندۈرۈش ئېكسپورت بازىلىرىنى قۇرۇشقا باشلىدى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يېڭىشەھەر رايونىدا قاتارلىق 6 ئورۇننى ئاپتونوم رايونلۇق يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق سودىنى گۈللەندۈرۈش ئېكسپورت بازىسى قىلىپ بېكىتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە تىرانسىفورماتور پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ئۈرۈمچى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يېڭىشەھەر رايونىدائايرىم - ئايرىم ھالدا 2008 - يىلى 12 - ئاي ۋە 2012 - يىلى 1 - ئايدا دۆلەت دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق سودىنى گۈللەندۈرۈش ئېكسپورت بازىسى قىلىپ بېكىتىلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر