يېقىندا ئېچىلغان قازاقىستان ئورو جەمئىيىتى 2012 - يىللىق يىغىنى كۈزلۈك يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىزچىل ھالدا دىققەتنى قوزغىماي كېلىۋاتقان قازاقىستاننىڭ ئورو كەسپى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغاشقا باشلىدى.
قازاقىستان ئورو كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بىرقەدەر كېيىن باشلانغان بولۇپ، قازاقىستان ئورو جەمئىيىتى 2011 - يىلى قۇرۇلدى. ھالبۇكى، نۇرغۇن دۆلەتلەردە بۇنداق ئورو بازىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە ئورو كەسپىگە ئالاقىدار قانۇن - بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈشكە قاتنىشىدىغان ئورگانلار ئاللىقاچان قۇرۇلۇپ بولغانىدى. غەرب دۆلەتلىرىدىلا ئەمەس، ھىندىستان، جۇڭگو ۋە تۈركىيە قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدە دۆلەتلىرىمۇ ئورو كەسپى تەرەققىياتىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈلگەنىدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئورو كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات ئورۇنلىرى تەخمىنەن90دىن ئاشىدۇ. رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە بېلورۇسسىيە قاتارلىق مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەردىمۇ ئورو كەسپى مەخسۇس ئورگىنى كۆپلەپ قۇرۇلدى. قازاقىستان بۇ جەھەتتە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا باشقا دۆلەتلەردىن كېيىن تۇرۇپلا قالماستىن، يەنە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا بولمىغان باشقا دۆلەتلەردىنمۇ كېيىن تۇرىدۇ.
قازاقىستان ئورو جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە لىدېرى باتۇربېك ئاۋباكىروۋ2011- يىلى 8 - ئايدىن باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىستانبۇل ۋە بومبايغا بېرىپ مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈشكە قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىستانبۇلدا دۇنيا ئورو يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلۈش ھارپىسىدا، تۈركىيە ئورو جەمئىيىتى10 ئورو شىركىتىدىن تەركىب تاپقان قازاقىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يەرمەنكىگە قاتنىشىشىغا قوشۇلدى ۋە ئۇلار ئۈچۈن بارلىق ھەقنى تاپشۇردى. ئېچىنارلىقى شۇكى، ئاران بىرنەچچە شىركەتلا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت 3 شىركەتلا يەرمەنكىگە قاتناشتى. ئۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: »بەلكىم باشقا شىركەتلەر ئەڭ يېڭى زامانىۋى تېخنولوگىيەدىن پايدىلىنىپ كەڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىشتا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا قىلچە ئويلىنىپ باقمىغان بولسا كېرەك«.
قازاقىستاننىڭ ئورو مەھسۇلاتلىرى كەسپى ئىمپورتقا تايىنىدۇ
ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستان بازىرىدىكى ئاساسلىق ئورو مەھسۇلات تۈرلىرى پولىمېرلىق ئورو، قەغەزلىك ئورو ۋە كارتون قەغەزلىك ئورودىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ جەھەتتە قازاقىستان ئىچكى بازىرىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى بىلەن خەلقئارا بازارنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ئوخشاش. بۇ قازاقىستان ئورو جەمئىيىتى مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئورو بازىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش - تەتقىقات ئېلىپ بارغاندىن كېيىن چىقىرىلغان يەكۈندۇر. كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر قازاقىستان ئورو جەمئىيىتى تەمىنلىگەن بازار سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق شۇنى دەلىللىدىكى، نۆۋەتتە قازاقىستاننىڭ قەغەزلىك ئوروچىلىقى ۋە كارتون قەغەزلىك ئوروچىلىقى ئەڭ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى بازار ئېھتىياجىنىڭ %06 ىنى قازاقىستانلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلار قانائەتلەندۈرەلەيدۇ. بۇ خىل تۈردىكى ئورو كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئادەتتە مۇقىم خېرىدارلار توپى بولىدۇ، ئۇلار بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىگە ئىشىنىدۇ.
سانلىق مەلۇماتلاردىن يەنە شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قازاقىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئورو مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا، تۈرلۈك ئورو مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كەسپىدە چەت ئەل كارخانىلىرى مونوپوللۇق ئورنىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، قازاقىستان ئورو جەمئىيىتىنىڭ قارىشىچە، ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇشى مەزكۇر دۆلەت ئورو كەسپىدە ساقلىنىۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە ئىكەن.
قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئورو بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە لىدېرى باتۇربېك ئاۋباكىروۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قازاقىستان بازىرىدىكى %90 ئورو مەھسۇلاتلىرى چەت ئەللەردىن ئىمپورت قىلىنغان. ئۇ مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىر شىركەت ئالمۇتادا پەمىدۇر قىيامى ۋە تۇخۇم سېرىقى قىيامى بىلەن شۇغۇللىناتتى، كېيىن شىركەت يۇقىرى قاتلىمى يەنە ئورو ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىپ، پۈتۈن يۈرۈشلۈك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كېڭەيتتى. نەتىجىدە، 6 ئاي ئىچىدە شىركەتنىڭ ئورو ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كىرىمى پەمىدۇر قىيامى ۋە تۇخۇم سېرىقى ئىشلەپچىقىرىش قىيامىنى سېتىش كىرىمىدىن ئېشىپ كەتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئوروچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پايدىسى تېخىمۇ كۆپ بولدى.
باتۇربېك ئاۋباكىروۋ مۇنداق دېدى: چەت ئەللەرنىڭ ئورو كەسپى بارلىققا كەلگىنىگە ئاللىقاچان 150~100 يىل بولۇپ قالدى، قازاقىستاندا بولسا بۇ كەسىپنى چۈشىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەمدىلا باشلاندى. لېكىن ئۇنى ھاياجانلاندۇرغىنى شۇكى، نۆۋەتتە قازاقىستاننىڭ كۆپلىگەن ئورو شىركەتلىرى رۇسىيە، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستانغا ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشقا باشلىدى. نۇرغۇن شىركەتلەر تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىنتايىن ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بۇنىڭ سەۋەبى، بىر قىسىم رۇسىيەلىك ئورو كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ قازاقىستاننىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىگە كۆزى چۈشتى ۋە قازاقىستاندا مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشنى ئويلاشتى. باتۇربېك ئاۋباكىروۋ بۇنىڭغا قارىتا، تولۇق ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: قازاقىستان ئورو كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى شەك - شۈبھىسىزكى، ئىنتايىن پارلاق بولىدۇ.
باتۇربېك ئاۋباكىروۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قازاقىستاننىڭ باشقا كەسىپلىرىگە ئوخشاش، ئورو كەسپىدىمۇ ئەڭ جىددىي مەسىلە ئىختىساس ئىگىلىرى مەسىلىسىدۇر. ھازىرقى زامان ئورو سانائىتى بولسا يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسپى بولۇپ، قازاقىستاندىكى ئورو كەسپى ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەيدىغان كۆپ بولمىغان ئوقۇتۇش ئورگانلىرى كەسپىي خادىملارنىڭ زۆرۈر بولغان كەسپىي ماھارەتنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرەلمەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا قازاقىستاننىڭ ئورو كارخانىلىرى چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ كۇرس ئېچىشقا ياكى مەخسۇس ئوقۇتۇش تارماقلىرىدىن مۇتەخەسسىسلەرنى كارخانىلارغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشكە كۆپلەپ تەكلىپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت، قازاقىستاندىكى ئورو كەسپى خادىملىرىنى تېخىمۇ كۆپ كەسپىي بىلىمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈندۇر.
ئورو مەھسۇلاتلىرى ماتېرىياللىرى تەمىناتىنىڭ قىيىن بولۇشى تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلماقتا
ئورو كەسپىنى زور كۈچ بىلەن گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە قازاقىستان مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغىنى شۇكى، ئورو مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىناتىدىلا ئەمەس، ھەتتا ئورو ماتېرىياللىرى تەمىناتىدىمۇ مونوپول قىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولماقتا. ئورو ماتېرىياللىرىنىڭ قىس بولۇشى ۋە باھاسىنىڭ ئىزچىل ھالدا يۇقىرى بولۇپ تۆۋەنلىمەسلىكى قازاقىستاننىڭ ئورو كەسپى دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىدۇر. قازاقىستاننىڭ ئورو كەسپىدە ئىشلىتىلىدىغان قەغەز ئىشلەپچىقىرىدىغان خام ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى چەت ئەللەردىن ئىمپورت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. قازاقىستان ئورو جەمئىيىتىنىڭ ۋالېن قەغەز ئورو يەشىكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنىڭ خوجايىنى تايسىيا كېگۇچۇك تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كارخانىمىز قەغەز يەشىك خام ماتېرىيالى قىلىنىدىغان كېرەكسىز قەغەزلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە قىسلىقىنى ئاللىقاچان تونۇپ يەتكەچكە، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قازاقىستاندا17 كېرەكسىز قەغەز سېتىۋېلىش ئورنىنى قۇردى، ئەمما سېتىۋېلىنغان كېرەكسىز قەغەز مىقدارى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، رۇسىيەدىن كېرەكسىز قەغەز ئىمپورت قىلىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ.
ئورو كەسپى ساھەسىدىكى ئەربابلارنىڭ قارىشىچە، ئورو سانائىتى خام ماتېرىيالىنىڭ قىس بولۇشىدىكى سەۋەب، ھۆكۈمەت كېرەكسىز ئورو بۇيۇملىرىنى يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىش پىلانىنى تۈزگىنى يوق. كېرەكسىز بۇيۇملارنىڭ %50 ىدىن كۆپرەكى ئورو ماتېرىياللىرى بولۇپ، تامامەن قايتا پايدىلانغىلى بولىدۇ، بۇ خىل چارە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئاللىقاچان ئومۇملاشقان بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا. كېگۇچۇك مۇنداق دېدى: مەسىلە كېرەكسىز قەغەزنى يىغىۋېلىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قازاقىستاندا ئەينەك ئورو ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالمۇتا ۋە تالاسقا جايلاشقان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كونا تاشلاندۇق ئورو ماتېرىياللىرىنى يىغىۋېلىپ پىششىقلاش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، لېكىن بۇ ئىككى كارخانىمۇ يېتەرلىك خام ماتېرىيال توپلىيالمايۋاتىدۇ. مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا، كارخانىلار خەۋپ - خەتەردىن قورقىدۇ. چۈنكى بۇ ئورو ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىپ يىغىۋېلىش، توشۇش، ساقلاش، پارچىلاش ئۈچۈن كۆپ مىقداردا مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلىدۇ. كېگۇچۇك يەنە مۇنداق دېدى: »غەرب دۆلەتلىرى بۇنداق مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تولۇقلىما پۇلى ۋە قەرز پۇل ئاجراتقان، لېكىن ھۆكۈمىتىمىز بۇ جەھەتتە ئېتىبار سىياسىتىنى يۈرگۈزگىنى يوق. شۇڭا دۆلەت كونا تاشلاندۇق ماتېرىياللارنىڭ ئەخلەتكە ئايلىنىپ كېتىشىدىن ۋە ئەخلەت كۆمۈش مەيدانىغا كۆمۈلۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك«.
نۆۋەتتە، قازاقىستان مۇتەخەسسىسلىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ كونا تاشلاندۇق ئورو ماتېرىياللىرىنى يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا. كېگۇچۇك مۇنداق دېدى: بىز دۇنيا ئورو تەشكىلاتىغا كونا تاشلاندۇق ئورو ماتېرىياللىرىنى يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنىڭ ياۋروپادىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە قانداق يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇندۇق«. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەھەر ئاھالىلىرىنى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ تاشلاشقا يېتەكلەش تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشتۇر«.
قازاقىستان ئورو جەمئىيىتى ۋەكىلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جەمئىيەتنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمىتى مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ماتېرىياللارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى قوللاشتىن ئىبارەت. ئىجرائىيە لىدېرى باتۇربېك ئاۋباكىروۋ مۇنداق دېدى: »نۆۋەتتە، بىز تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى رامكىسى ئىچىدە ئورو بىخەتەرلىكىگە قارىتىلغان سىياسەتنى يۈرگۈزىۋاتىمىز، مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ماتېرىياللارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى تۈزدۇق، بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرۇشىغا ئىشىنىمىز. دۇنيا ئورو تەشكىلاتى ھەر يىلى كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورو جەمئىيەتلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ ياخشى ئورو ئۇسۇللىرى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن باھالاش ئېلىپ بارىدۇ«. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: رىقابەت ئالدىدا ئورو سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئىجادىي مەھسۇلاتلارنى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بۇ جەھەتتە ئىنتايىن ياخشى تەجرىبىلەرنى توپلىدى، ھازىر بىزنىڭ ئۇلار بىلەن پەرقىمىز يەنىلا بىرقەدەر چوڭ. ئەمما پەرقنىڭ چوڭ بولۇشى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ھازىردىن باشلاش.