زەيتۇن مېيىنى تاللاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
1. رەڭگىگە قاراش
زەيتۇن مېيىنىڭ رەڭگى خىلمۇ خىل بولۇپ، سېرىق رەڭدىن يېشىل رەڭگىچە بولىدۇ. ئەمما يېڭىدىن تارتىپ چىقىرىلغان ئالاھىدە دەرىجىلىك زەيتۇن مېيىنىڭ رەڭگى ئادەتتە قېنىق سېرىق رەڭدە بولىدۇ، رەڭگى سۇس بولۇپ قالسا دىققەت قىلىش زۆرۈر، چۈنكى چەككىلەنگەن ئارىلاشما ياغ بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ.
2. تەمىنى تېتىپ بېقىش
ئەلا، ئالاھىدە سۈپەتلىك يېڭىدىن تارتىپ چىقىرىلغان زەيتۇن مېيى تاتلىق، قىرتاق، ئاچچىق تەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دەسلەپتە ئېغىزغا كىرگەندە سۇس تاتلىق ياكى مېۋە تەملىك بولىدۇ، ئاندىن قىرتاق ئوت - چۆپ تەمىگە ئۆزگىرىدۇ، گالدىن ئۆتكەندە ئىنتايىن ئاچچىق بولۇپ كۆيدۈرىۋېتىدىغاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ. ئەگەر سىز سېتىۋالغان زەيتۇن مېيى ئېغىزغا كىرگەندىن كېيىن سالات مېيىدەك تەمسىز بولسا، چەككىلەنگەن ئارىلاشما ياغ بولۇشى مۇمكىن.
زەيتۇن مېيىدا قورۇما قورۇشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
زەيتۇن مېيىنىڭ قايناش تېمپېراتۇرىسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ئادەتتە 200 ئەتراپىدا بولىدۇ. شۇڭا قورۇما قورۇغاندا قازاندىكى قىزىغان ماينىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولماسلىقى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، زەيتۇن مېيىنىڭ تۈزۈلۈشى ئوڭايلا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، زەيتۇن مېيىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
قورۇما قورۇغاندا، زەيتۇن مېيىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى باشقا مايلار ئىشلىتىلىش مىقدارىنىڭ 3/1 ىچىلىك بولۇشى كېرەك، چۈنكى زەيتۇن مېيى ئىسسىقتا كېڭىيىدىغان بولغاچقا، ماينىڭ خۇشپۇرىقى تېخىمۇ ئوڭايلا تاماق - قورۇمىلارغا سىڭىپ كېتىدۇ. قورۇما قورۇلۇپ پىشقان چاغدا، زەيتۇن مېيىنىڭ ئومۇمىي ھەجىم مىقدارى چۈچۈتۈلمىگەن مايغا سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك بولىدۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، زەيتۇن مېيىنى ئىشلىتىپ قورۇما قورىغاندا ماينىڭ قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئازايتقىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كۆكتاتنىڭ ئەسلى تەمىنى شۇ پېتى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، قورۇمىنىڭ پۇرىقى خۇشپۇراق بولۇپ، خام بېلىق پۇرىقى بولمايدۇ، مايلىق بولۇپ كەتمەيدۇ.