مۇچ ئىستېمال قىلىشقا ماس كەلمەيدىغان كىشىلەر

0 2013-05-23 16:26:43   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      مۇچنىڭ مەزىلىك ھەم ئاچچىق تەمى تولىمۇ جەلپكار بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. بىراق بۇنداق ئاچچىق تەملىك مېزىلىك تائاملار ھەممىلا ئادەمنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىۋەرمەيدۇ. بولۇپمۇ تۆۋەندىكى توققۇز خىل ئادەم مۇچقا ھەرگىز يېقىن يولىماسلىقى كېرەك.
      1. بوۋاسىرلار: كابزائىتسىنمۇچ ماددىسى نىڭ غىدىقلىشى بىلەن بوۋاسىر ۋېناسىغا قان تولىدۇ، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ بوۋاسىر تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا مەقئەت يىرىڭلىق ئىششىقى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. مۇچ يەنە قەۋزىيەتنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بوۋاسىر تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
      2. كۆز قىزىرىش كېسىلى ۋە مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى بىمارلىرى: مۇچ قۇرۇق ئىسسىقنى ئۆرلىتىپ كېسەللىكنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ. كابزائىتسىننىڭ غىدىقلىشى بىلەن شىللىق پەردىگە قان تولىدۇ، سۇلۇق ئىششىق ۋە شەلۋەرەش پەيدا قىلىدۇ، ئاشقازان ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى كۈچىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قورساق ئاغرىيدۇ، ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ.
      3. جۇڭيى دورىسى ئىچىۋاتقانلار: كابزائىتسىن جۇڭيى دورىسىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان بولغاچقا، جۇڭيى دورىسى ئىچىۋاتقانلار ئاچچىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك.
      4. سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆت خالتىسى ياللۇغى، ئۆت تېشى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى: كابزائىتسىننىڭ غىدىقلىشى ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كۈچەيتىدۇ، ئاشقازان كىسلاتاسى كۆپەيسە ئۆت خالتىسى تارىيىدۇ، ئۆت يولى ئېغىزىنى قورىغۇچى مۇسكۇللار تارتىشىپ ئۆت سۇيۇقلۇقىنى چىقىرىش تەسلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆت خالتىسى ياللۇغى، ئۆت سانجىپ ئاغرىش ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى پەيدا بولىدۇ.
      5. يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسىلى بىمارلىرى: كابزائىتسىن قان ئايلىنىشنى كۈچەيتىپ، يۈرەك سوقۇشنى تېزلىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرەك ھەرىكىتى جىددىيلىشىپ كېتىدۇ، قىسقا مۇددەت ئىچىدىكى ئىستېمال ئېشىپ كەتسە جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىشىش، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
      6. بۆرەك كېسىلى بىمارلىرى: كابزائىتسىن ئادەتتە بۆرەك ئارقىلىق چىقىرىپ تاشلىنىدىغان بولغاچقا، ئەگەر بۆرەكتە كېسەللىك بولسا كېسەللىكنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ، ئېغىر بولغاندا بۆرەك ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ھەتتا بۆرەك ئىقتىدارىنى زەئىپلەشتۈرىۋېتىدۇ.
      7. ھامىلىدار ئاياللار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللار: بۇ خىل كىشىلەر مۇچ ئىستېمال قىلسا ئېغىزلىرىغا يارا چىقىش، چوڭ تەرىتى قېتىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئېمىۋاتقان بوۋاقلارمۇ كېسەل بولۇپ قالىدۇ.
      8. ئوپقان كېسىلى بىمارلىرى: بۇ خىل بىمارلارنىڭ يۈرەك ھەرىكىتى ئەسلىدىنلا تېز بولىدۇ، ئەگەر مۇچ ئىستېمال قىلسا يۈرەك ھەرىكىتى تېخىمۇ تېزلىشىپ كېسەللىك ئالامىتى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
      9. ئورۇق كىشىلەر: ئورۇق كىشىلەرنىڭ دائىم گېلى قۇرۇپ ئاغزى ئاچچىق بولۇپ تۇرىدۇ، ئىچى تىتىلداپ ئوڭاي ئاچچىقلىنىدۇ، ئەگەر مۇچ ئىستېمال قىلسا يۇقىرىقى ئالامەتلەر ئېغىرلىشىپ قاناش، زىيادە سەزگۈرلۈك ۋە ياللۇغلىنىشلارنى پەيدا قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا جاراھەتلىنىش يۇقۇملىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر يۈز بېرىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر