ياۋروپا سودا سانائەتنى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى بىلەن دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «2102 - يىللىق دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان 141 دۆلەت ۋە ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئۆزبېكىستان يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى رەت تەرتىپىدە 127 - ئورۇندا تۇرغان. قازاقىستان بۇ رەت تەرتىپىدە 38 - ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان؛ قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان تەڭداش ھالدا 107 - ئورۇندا تۇرغان.