تاجىكىستان 2012-2014- يىللىرى چەت ئەللەرنىڭ قەرز پۇلىنى كۆپلەپ جەلپ قىلماقچى

0 2013-05-16 12:40:18   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      تاجىكىستان دۆلەت مەبلىغى كومىتېتى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاجىكىستاننىڭ 2012-2014- يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانىغا ئاساسەن، تاجىكىستان ھۆكۈمىتى ھەر خىل مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىگە 3 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە چەت ئەللەردىن جەلپ قىلىنىدىغان قەرز پۇل سوممىسى 3 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا، چەت ئەللەرنىڭ ياردەم پۇلى692مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا، دۆلەت خامچوتىدىن ئاجرىتىلغان مەبلەغ 742 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ.
      ئىگىلىنىشىچە، 2012-2014- يىللىرى تاجىكىستاننىڭ قاتناش ساھەسىگە 1 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنىدىكەن، بۇ ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسىنىڭ %49.1 ىنى ئىگىلەيدىكەن؛ ئېنېرگىيە ساھەسىگە سېلىنىدىغان مەبلەغ سوممىسى 1 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسىنىڭ %36.9 ىنى ئىگىلەيدىكەن؛ يېزا سۇ ئىنشائاتى ۋە سۇ تەمىنلەش ساھەسىگە سېلىنىدىغان مەبلەغ 752 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسىنىڭ %6.7 ىنى ئىگىلەيدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر