رۇسىيە مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ قاتناش تۈگۈنىنى قۇرماقچى

0 2013-05-16 12:38:20   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      رۇسىيە »سىكوركوۋ« يېڭىلىق يارىتىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋېكشېلبېرگ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، رۇسىيە ئۇدۇل «سىكوركوۋ» يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە تۇتىشىدىغان قاتناش تۈگۈنىنى قۇرماقتا. بۇ قاتناش تۈگۈنىنىڭ 2015 - يىلى 12- ئايدا رەسمىي ئىشلىتىلىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.
      مەزكۇر تۈر تاماملانغاندىن كېيىن بۇ قاتناش تۈگۈنى رۇسىيەدىكى ئەڭ چوڭ قاتناش تۈگۈنىگە ئايلىنىدۇ. شۇ چاغقا بارغاندا، موسكىۋا شەھەر مەركىزىدىن »سىكوركوۋ« يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە ئاپتوموبىلدا ئولتۇرۇپ 20 نەچچە مىنۇتتىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.
      ئىگىلىنىشىچە، 2013~2012 - يىللىرى رۇسىيە ھۆكۈمىتى 9 مىليارد 300 مىليون رۇبلى(تەخمىنەن 290 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر) مەبلەغ ئاجرىتىپ، بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنى قوللايدىكەن. ھازىرغا قەدەر، «سىكوركوۋ» يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرى خامچوت مەبلىغى ئومۇمىي سوممىسى 200 مىليارد رۇبلى (تەخمىنەن 6 مىليارد 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر) دىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 85 مىليارد رۇبلى (تەخمىنەن 2 مىليارد 660 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر) فېدېراتسىيە خامچوت مەبلىغىدۇر. قالغان مەبلەغ شەخسلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشى ئارقىلىق جۇغلانغان.

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博