رۇسىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ 8102~2102 - يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى تەستىقلىدى

0 2013-05-13 16:49:09   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر مىنىستىرلىق«رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ 2012-2018- يىللىق بىر تۇتاش تەرەققىيات پىلانى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «پىلان» دەپ ئېلىندى) نى تەستىقلىدى. پىلاندا كۆرسىتىلىشىچە، 2018 - يىلىغا بارغاندا رۇسىيەنىڭ يىللىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئومۇمىي ئېھتىياجى 1 تىرىليون 175 مىليارد كىلوۋات - سائەتكە يېتىپ، 2011 - يىلىدىكىگە قارىغاندا 175 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات - سائەت ئاشىدىكەن، ئېشىش نىسبىتى %5.71 بولىدىكەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا يىلىغا %2.3 لىك نىسبەت بويىچە ئاشىدىكەن.
      پىلاندا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پىلان يۈرگۈزۈلۈش مەزگىلىدە يېڭىدىن ئاشۇرۇلغان ئومۇمىي توك سىغىمى 40 مىليون 100 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يادرو ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى 12 مىليارد 315 مىڭ كىلوۋات، سۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى 4 مىليارد 810 مىڭ كىلوۋات، ئوت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى 22 مىليون984 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىدۇ. رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2012 - يىلى رۇسىيەنىڭ بىر تۇتاش ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئېھتىياجى 154 مىڭ 200 مېگاۋات بولۇپ، 2018 - يىلىغا بارغاندا 771 مىڭ مېگاۋاتقا يېتىدۇ. شۇڭا 2012-2018- يىللىرى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە يۈك كۆتۈرۈشچانلىقىنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى %2.6 كە يېتىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر