قىرغىزىستان 2013-2015 يىللىق ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك خامچوت پىلانىنى تۈزدى

0 2013-05-13 16:46:48   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      قىرغىزىستان مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېچىلغان ھۆكۈمەت خىزمىتى يىغىنىدا 2013-2015 - يىللىق ئوتتۇرا - ئۇزۇن مەزگىللىك خامچوت پىلانىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇندى. مەزكۇر پىلاندا مۆلچەرلىنىشىچە،2013- يىلى قىرغىزىستاننىڭ خامچوت كىرىمى 97 مىليارد500 مىليون سوم (تەخمىنەن 2 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) بولىدىكەن، 2015 - يىلىغا بارغاندا ئېشىپ 128 مىليارد 600 مىليون سوم (تەخمىنەن 2 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) غا يېتىدىكەن.
      بۇندىن باشقا، مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 2012-2015- يىللىرى قىرغىزىستاننىڭ PDG سى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 319 مىليارد200 مىليون سوم (تەخمىنەن 6 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)، 365 مىليارد 400 مىليون سوم (تەخمىنەن 7 مىليارد 009 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)، 425 مىليارد سوم (تەخمىنەن 9 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)، 491 مىليارد 900 مىليون سوم (تەخمىنەن 10 مىليارد700مىليون ئامېرىكا دوللىرى) بولىدىكەن؛ ئوتتۇرىچە مائاش ئايرىم - ئايرىم ھالدا 11 مىڭ 316 سوم (تەخمىنەن 246ئامېرىكا دوللىرى)، 13 مىڭ 34 سوم (تەخمىنەن 283 ئامېرىكا دوللىرى)، 14 مىڭ 991 سوم (تەخمىنەن 326 ئامېرىكا دوللىرى)، 17 مىڭ 56سوم (تەخمىنەن 371 ئامېرىكا دوللىرى) بولىدىكەن.
      قىرغىزىستان مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مەزكۇر لايىھە توغرىسىدا توختالغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقىرىقى پىلاندا 40 دۆلەت دەرىجىلىك چوڭ تۈرنى يۈرگۈزۈشكە باشلاش ۋە 2013 - يىللىق خەلقئارا ياردەم پۇل ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىر قاتارلىق ئامىللار تولۇق نەزەرگە ئېلىندى. بۇنىڭدىن مەقسەت، قىرغىزىستان سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، ئىسلاھاتنىڭ دۆلەت خامچوتى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە ئانالىز ۋە مۆلچەرلەش ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر