جۇڭگو خۇاۋېي شىركىتىنىڭ رەقەملىك ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى تۈركمەنىستاننى قاپلىدى

0 2013-03-28 11:15:36   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      تۈركمەنىستاننىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش ساھەسىدە جۇڭگو خۇاۋېي شىركىتىنىڭ رەقەملىك ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا. ئىگىلىنىشىچە، تۈركمەنىستاندىكى كۆچمە خەۋەرلىشىش تىجارەت سىستېمىسى lleC MT نىڭ خەۋەرلىشىش تورى سىگنالى پۈتۈن مەملىكەتنى ئاساسەن دېگۈدەك قاپلىغان بولۇپ، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتلىرى 2 مىليون 600 مىڭدىن ئاشىدىكەن.
      خەۋەرلىشىش تورى سىستېمىسىدا خۇاۋېي ۋە SNEMEIS-AIKON ئۈسكۈنىلىرى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بارلىق ئابونتلارنى ئىنتېرنېت تورىغا ئۇلاش، سانلىق مەلۇمات يوللاش، ئاۋاز چاستوتىلىق ۋە ۋىدىئو چاستوتىلىق سۆزلىشىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.
      ئىگىلىنىشىچە، تۈركمەنىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، تۈركمەنىستاندىن سىرتقا ئېنېرگىيە چىقىرىشنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، تۈركمەنىستان ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە سىجىل ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلغان، ئىجتىمائىي ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇش ساھەلىرىنىڭ بىرى بولغان خەۋەرلىشىش ساھەسىمۇ يېڭى تەرەققىيات پەللىسىگە يەتكەن. 2010 - يىلى lleC MT خەۋەرلىشىش تورىنىڭ ئابونتلىرى 500 مىڭ بولۇپ، ھازىر 5 ھەسسە كۆپەيدى. خەۋەرلىشىش ساھەسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى تۈركمەنىستاندىكى ھەرقايسى ئىقتىسادىي ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىدا ئەڭ گەۋدىلىك بولماقتا.
      جۇڭگو خۇاۋېي شىركىتى پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى كارخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ، تۈركمەنىستاندا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 10 يىلدىن ئاشتى. ئۇنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتى تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتى ۋە كەڭ ئابونتلارنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن، ھازىر تۈركمەنىستاندىكى خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئەڭ ئاساسلىق كارخانا بولۇپ قالدى. مەزكۇر شىركەت lleC MT نىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلاشقۇچى شېرىكى بولۇپ، lleC MT نى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركمەنىستان تېلېگراف تىجارەتچىلىرىنى خەلقئار ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر