جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىش ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى
2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىش ھەپتىلىكى پائالىيىتى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە باشلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىش ھەپتىلىكى پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
1. رۇسىيە، ئۇكرائىنا، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ گۈزەل - سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ئۆتكۈزۈلدى.
2. ئېگىزلىك 2012 - يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ زامانىۋى سەنئەت قوش يىللىق كۆرگەزمىسى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن10 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە شىنجاڭ گۈزەل - سەنئەت مەركىزى ئىلگىرىكى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى دە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
3. ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى رەڭلىك يىپەك يولى گۈزەل - سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە شىنجاڭ ئىيۇل رەستىسى مەدەنىيەت كەسىپلىرى ئىجادىيەت رايونىنىڭ B رايون 4 - نومۇرلۇق زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
4. سېربىيە بالت ئۇسسۇلى مۇقەددەس مۇھەببەت 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا قويۇلدى.
5. شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى ئورۇنلىغان »بىپايان گۈزەل شىنجاڭ« ناملىق ئويۇن 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا قويۇلدى.
6. شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى ئورۇنلىغان مۇقام باھارى ناملىق ئويۇن 9 - ئاينىڭ 3 -، 4- كۈنلىرى شىنجاڭ مۇقام سەنئەت تىياتىرخانىسىدا قويۇلدى.
ئەنگلىيە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پادىچىلار ئىشتىنى كىيىپ دەرس ئۆتۈ...
2013-يىللىق ئەنگىلىيە ۋېستون قۇم ھەيكىلى بايرىمى 29-مارت باشلى...
لوندون شەھىرىنىڭ باشلىقى كوچىدا گىتتار چېلىپ، مۇزىكا مۇساب...
ناپالېئوننىڭ ئايالىغا تەقدىم قىلغان توي ئۈزۈكى 730 مىڭ ياۋرۇ...
مورسى« مىسىر خەلق پارلامىنىت سايلىمى 10- ئايدا ئۆتكۈزۈلدى »د...
چىرايلىق بۇلۇش ئۈچۈن 50 قېتىم ھۆسۈن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلد...
ئالتۇن دۆلىتىدىكى رەھبەرلەرنىڭ 5-قېتىملىق كۆرۈشۈشى يىغىنى ج...
ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن يەنە 200 تاكسى كۆپەيتىلىپ ئاھالىلەر...