ئالامىتى
كېسەل تەگكەن تۈپلەرنىڭ مەركىزىي يوپۇرمىقى سولىشىدۇ ياكى ئالا بولۇپ قالىدۇ، كونا يوپۇرماق بالدۇر قۇرۇپ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، تۈپلەر يىغىلىپ قالىدۇ. تەرخەمەك يوپۇرماق ئالا كېسىلى تەگكەن تۈپلەرنىڭ يوپۇرمىقى كىچىك، غەيرىي، بوغۇمى قىسقا، پاخمىۋاش، يېڭى يوپۇرمىقى سارغۇچ بولۇپ قالىدۇ. چامغۇر يوپۇرماق ئالا كېسىلى تەگكەن تۈپلەرنىڭ يوپۇرماق شەكلى تەرتىپسىز، يوپۇرمىقىدا ئالا داغلار بولىدۇ، يوپۇرمىقى ئۈستىگە يۆگىشىدۇ. قىزىلچا يوپورماق ئالا كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان تۈپلەرنىڭ يوپۇرماق تومۇرى سۈزۈك، يېڭى يوپۇرمىقى سارغۇچ بولىدۇ، داغ ئۇيۇقى شەكىللىنىدۇ ۋە تۆۋەنگە يۆگىشىۋالىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش
1. فىزىكىلىق ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش: پارنىك ئىچىگە كۈمۈشرەڭ لېنتا ئېسىپ قويسا، كۆكپىتتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
2. ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش: (1)ئۆستۈرۈشتىكى تەدبىرلەر: شامال ئۆتۈشۈشى ياخشى، تۇرۇپ، تەرخەمەك ئېتىزىدىن يىراق ئېتىزلارغا تېرىش، قۇرغاقچىلىق بولسا، كۆپرەك سۇغۇرۇپ، كېسەللىك پەيدا بولۇشنى يېنىكلىتىش كېرەك. ئورگانىك ئوغۇتنى يېتەرلىك بېرىپ، فوسفور، كالىي ئوغۇتىنى كۆپەيتىپ، كېسەلگە تاقابىلچانلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. (2) ئېتىزنى پاكىز تازىلاش: قىش ۋە ئەتىيازدا ئېتىز ۋە ئەتراپ، چۆنەكلەردىكى ئوت - چۆپلەرنى پاكىز تازىلاپ ھەمدە كېسەل تۈپ قالدۇقلىرىنى تەلتۆكۈس يىغىپ، ئېتىز سىرتىغا چوڭقۇر كۆمىۋېتىش ياكى كۆيدۈرىۋېتىش كېرەك.
3. دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش: دورا ئارقىلىق كۆكپىتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش، بولۇپمۇ مايسا مەزگىلىدە شۇنداق قىلىش كېرەك. كېسەل پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى ياكى كېسەللىك پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە %20 لىك ۋىرۇس نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، %5 لىك جۈندۇچىڭ سۇيۇقلۇقىنىڭ300 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، كاڭدۇجى - 1 (抗毒剂号1) نىڭ 300 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنىڭ بىرىنى تاللاپ پۈركۈپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرسا بولىدۇ.