تەرخەمەك يوپۇرمىقىغا قاراپ پارنىك تېمپېراتۇرىسىغا ھۆكۈم قىلىش

0 2013-03-18 12:40:10   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

       1. مايسا مەزگىلىدە يوپۇرماق ئۇچى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ، رەڭگى سۇسلاشسا ياكى يوپۇرماق گىرۋەكلىرى ئاقىرىپ، يۇقىرىغا يۆگىلىۋالسا، پارنىك تېمپېراتۇرىسى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، ھاۋا رايى ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ئىسسىقلىق ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۈندۈزى تېمپېراتۇرىنى ~℃22℃25 تا، كېچىسى ℃18~℃15 تا كونترول قىلىش كېرەك.
      2. چېچەكلەش ۋە خەمەكلەش مەزگىلىدە يوپۇرماقلار قورۇلۇپ، قېلىنلاپ، سەل سارغىيىپ، پارقىراقلىقىنى يوقاتسا، ئېغىر بولغاندا يوپۇرماق گىرۋىكى ئاقىرىپ كەتسە، پارنىك تېمپېراتۇرىسىنىڭ بەك تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ چاغدا ئىسسىقلىق ساقلاشنى كۈچەيتىپ، تېمپېراتۇرىنى كۈندۈزى ~℃25℃29 تا، كېچىسى ℃22~℃18 تا كونترول قىلىش كېرەك. تېمپېراتۇرا ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ 13 تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرىنى كۆپ قېتىم چاناپ، يەر تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پارنىك ئىسسىقلىق سىغىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
      3. يوپۇرماق ئۈستىگە يۆگىشىۋالسا، گىرۋىكى سارغۇچ بولسا، پارنىك تېمپېراتۇرىسى، ھاۋا نەملىكى بەك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئەھۋال كۆپىنچە غۇنچىلاش مەزگىلىدە كۆرۈلىدۇ. بۇ چاغدا شامال ئۆتكۈزۈشنى كۈچەيتىپ، سۇغۇرۇش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، تېمپېراتۇرىنى 35 تىن تۆۋەنلىتىش، نەملىكىنى %75 ئەتراپىدا كونترول قىلىش كېرەك.
      4. يوپۇرماق چوڭ، نېپىز بولسا، بوغۇم ئارىلىقى ئۇزارسا، پارنىك تېمپېراتۇرىسى، نەملىك يۇقىرى، نۇر ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شامال ئۆتۈشتۈرۈپ، نەملىكنى تۆۋەنلەتكەندىن سىرت، پارنىك ئىچى ئارقا تامغا نۇر قايتۇرۇش پەردىسى ئېسىش ئارقىلىق پارنىك ئىچى، بولۇپمۇ ئارقا تەرەپكە نۇر چۈشۈشنى كۈچەيتىش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر