پارنىك تەرخەمىكىدىكى قىروۋسىمان پاختىلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش تەدبىرلىرى

0 2013-03-15 15:15:42   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      1. پارنىكنى دۈملەش
      ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى پارنىكنى ھىم دۈملەپ، پارنىك تېمپېراتۇرىسىنى تېز سۈرئەتتە 45 قا ئۆرلىتىپ، 2 سائەت تۇرغۇزۇپ، شامالدىتىپ تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلەتسە بولىدۇ. ئادەتتە پارنىكنى 1 قېتىم دۈملىسە، كېسەلنى 10 كۈن كونترول قىلغىلى بولىدۇ. دىققەت: پارنىكنى دۈملەشتىن 1 كۈن ئىلگىرى قاندۇرۇپ سۇغۇرۇش كېرەك.
      2. تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىپ، نەملىكنى تۆۋەنلىتىش
      پارنىك يېرىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ، پارنىك ئىچى نەملىكىنى تۆۋەنلەتكەندە، تەرخەمەككە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، قىروۋسىمان پاختىلىشىش كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىنىمۇ كونترول قىلغىلى بولىدۇ. چۈشتىن بۇرۇن پارنىكنى ھىم ئېتىپ، پارنىك ئىچى تېمپېراتۇرىسىنى30 قا ئۆرلىتىپ، چۈشتىن كېيىن شامالدىتىپ، پارنىك ئىچى تېمپېراتۇرىسىنى 20 قا چۈشۈرسە، نەملىكى %65 كە چۈشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەرگە يوپۇق يېپىش، پاخال يېپىش، ئوت - چۆپ كۈلى چېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن يەر تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ، نەملىكنى تۆۋەنلەتسىمۇ بولىدۇ.
      3. يوپۇرماقتىن ئوغۇتلاش
      تەرخەمەك ئۆسۈش مەزگىلىدە يوپۇرماقتىن مۇۋاپىق ئوغۇتلاپ، تەرخەمەكنىڭ تىمەن ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېسەلگە تاقابىلچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرسە بولىدۇ. ھەر 10كۈندە 1 قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا ھەر موغا gk50 ئازوت، فوسفور، كالىي، بور ئوغۇتى ئارىلاشما ئېرىتمىسىنى پۈركۈسە بولىدۇ. ئېرىتمە تەييارلىغاندا gk50 سۇغا g50 ئۇرېيە، g001 كالىي دى ھىدروفوسفات ، g100 بوراكس  نى قوشۇپ ئېرىتسە بولىدۇ. بوراكسنى ئازراق ئىسسىق سۇدا ئالدىن ئېرىتىۋېلىش كېرەك.
      4. قەنت ئېرىتمىسى پۈركۈش
      تەرخەمەك ئۆسۈش مەزگىلىدە %1 لىك شېكەر ۋە %1 لىك ئۇرېيە ئارىلاشما ئېرىتمىسىنى پۈركۈسە، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى %80 كە يېتىدۇ. ئادەتتە 8~5 قېتىم پۈركۈسە بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر