ئۇرۇقنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق سۇغا چىلاش، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلاش: تاللانغان ئۇرۇقنى31 لۇق سۇغا 4 سائەت چىلاپ سۈزىۋېلىپ، رەخت خالتىغا قاچىلاپ، ℃5 لۇق توڭلاتقۇدا بىر كېچە تۇرغۇزۇپ، ئىككىنچى كۈنى ئېلىپ، سوغۇق سۇدا چايقاپ، قۇرۇتۇپ تەييارلاش كېرەك.
يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا بىخلاندۇرۇپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا چېنىقتۇرۇش: تەييارلانغان ئۇرۇقنى 40~℃30 لۇق تېمپېراتۇرىدا بىخلاندۇرسا، 24 سائەت ئىچىدە ھەممىسى بىخلىنىپ بولىدۇ. بىخلىنىپ 2 سائەتتىن كېيىن، ℃20 لۇق شارائىتتا 20 سائەت ئەتراپىدا چېنىقتۇرۇش كېرەك.
يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئۈندۈرۈش، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا مايسا ئولتۇرغۇزۇش: مايسا ئولتۇرغۇزۇش تىمەن مايسا ئۆستۈرۈپ، بويىغا ئۆسۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. تېرىشتىن ئىلگىرى، پارنىك تېمپېراتۇرىسىنى 40 تا ساقلاپ، تاختا ئېتىز تۇپرىقىغا قايناق سۇ قۇيۇپ، تۇپراق تېمپېراتۇرىسى40 قا يەتكەندە، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بىخلانغان ئۇرۇقنى تېرىش كېرەك. تەجرىبىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پارنىك تېمپېراتۇرىسى 40تۇپراق تېمپېراتۇرىسى 30 بولغان شارائىتتا، مايسا 36~24 سائەت ئىچىدە ئۈنۈپ بولىدۇ. مايسىلار توپا كۆتۈرگەندە پارنىك تېمپېراتۇرىسىنى 20 ئەتراپىغا چۈشۈرۈپ، 2 كۈن مايسا ئولتۇرغۇزۇش كېرەك.
يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مايسا تۇتقۇزۇش، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا مايسا چېنىقتۇرۇش: مايسا تىكىشتىن 10-15 كۈن ئىلگىرى كۈندۈزى تېمپېراتۇرىنى 20 قا، كېچىسى9~℃8 قا چۈشۈرۈپ، مايسىنى چېنىقتۇرۇپ، مايسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ۋە ناچار شارائىتقا تاقابىلچانلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مايسا كۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، پارنىك تېمپېراتۇرىسىنى 35~℃30 تا، تۇپراق تېمپېراتۇرىسىنى 30 تا ساقلاپ، مايسىنىڭ تۇتۇش ۋاقتىنى قىسقارتىش كېرەك. مايسا تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، تېمپېراتۇرىنى كۈندۈزى ℃25 تا، كېچىسى 15~℃14 تا ساقلاپ، مايسىنىڭ تىمەن ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
يۇقىرىقى ئۇسۇلنى قوللىنىپ مايسا يېتىشتۈرگەندە 10~7 كۈن بالدۇر پىشۇرغىلى، مەھسۇلاتنى %30~%20 ئاشۇرغىلى بولىدۇ.