پىدىگەن سارغىيىپ سولىشىش كېسىلى ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە پەيدا بولىدۇ. ئاستىدىكى يوپۇرماقتىن باشلاپ ئۈستىگە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. يوپۇرماق سېپى، گىرۋىكى، تومۇرى سارغىيىدۇ. ئېغىر بولغاندا يوپۇرماقلىرى پۈتۈنلەي سارغىيىپ، سولىشىپ، تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. يىلتىزىنى يېرىپ كۆرگەندە، ياغاچ قىسمىدىكى ئۆتكۈزگۈچى نەيچىلەرنىڭ قوڭۇر رەڭگە ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش تەدبىرلىرى
1. ئۇرۇق بىر تەرەپ قىلىش. ئۇرۇقنى 55 لۇق سۇغا 15 مىنۇت چىلاپ، ئاندىن 30لۇق سۇغا 12 سائەت چىلاپ، ئۇۋۇلاپ يېپىشقاق ماددىسىنى چىقىرىۋېتىپ، سۈزىۋېلىپ، ℃30 لۇق شارائىتتا بىخلاندۇرۇپ تېرىسا بولىدۇ.
2. تۇپراقنى دېزىنفېكسىيەلەش. %50 لىك باۋىستىن پاراشوكىنى ھەر كىۋادرات مېتىرغا g10 دىن توغرىلاپ، يۇمشاق توپىغا ئارىلاشتۇرۇپ مايسا يېتىشتۈرۈش ئېتىزىغا تەكشى چېچىپ، تۇپراققا ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن تېرىسا بولىدۇ.
3. ئېتىزلارنى پاكىز تازىلاش، پىدىگەن تۈرىدىكى كۆكتاتلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تېرىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
4. دورا ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش. كېسەل تەگكەن دەسلەپكى مەزگىلدە باۋىستىننىڭ 500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى پۈركۈسە بولىدۇ.