ھاك - گۈڭگۈرت بىرىكمىسىنى ياساش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى

0 2013-03-14 11:58:53   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      ھاك - گۈڭگۈرت بىرىكمىسىنىڭ مىكروب ۋە ھاشارات يوقىتىش ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، مېۋىلىك دەرەخلەردىكى كۆپ خىل كېسەل ۋە قىزىل ئۆمۈچۈك، قاسراقلىق قۇرت، ھاشارات تۇخۇمى قاتارلىقلارنى يوقىتىشتا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ خام ئەشياسى ئاددىي، تەننەرخى تۆۋەن، ياساش ئاسان بولۇپ، باغۋەنلەر ئۆزى ياساپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
      1. خۇسۇسىيىتى
      بۇ بىرىكمە ھاك، گۈڭگۈرت، سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ ياسىلىدىغان قىزغۇچ قوڭۇر سۇيۇقلۇق بولۇپ، سېسىق تۇخۇم پۇرايدۇ، كۈچلۈك ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئۇ چىرىتكۈچى مىكروب ۋە ھاشاراتلار تېنىگە سىڭىپ كىرىپ، زەھەرلەپ ئۆلتۈرەلەيدۇ.
      2. ياساش ئۇسۇلى
      ئۆچۈرۈلمىگەن يېنىك، كاللەك ھاكتىن gk1، يۇمشاق سوقۇلغان گۈڭگۈرت پاراشوكىدىن gk2، پاكىز، سۈزۈك سۇدىن gk10 تەييارلىنىدۇ.
      ئالدى بىلەن قازانغا 4 ئىلىك سۇ قۇيۇپ، نىسبەت بويىچە تەييارلانغان ھاكنى سېلىپ، تاياق بىلەن ئىلەشتۈرۈپ، دوغاپ ھالىتىگە كەلگىچە قاينىتىپ، ئاندىن گۈڭگۈرت پاراشوكىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرىلىدۇ. قاينىتىش جەريانىدا پارغا ئايلىنىپ كەتكەن سۇنى تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك دەسلەپ سۇ قۇيغاندا، سۇ ئورنىغا بەلگە سېلىۋېلىپ، شۇ بۇيىچە قايناقسۇ بىلەن تولۇقلاپ تۇرسا بولىدۇ. قوچۇپ تۇرۇپ، كۈچلۈك ئوتتا 60~45 مىنۇت قاينىتىپ، قېنىق چاي رەڭگىگە كەلگەندە ئوتنى ئۆچۈرۈپ، تىندۇرۇپ، ئۈستىدىكى سۈزۈك قىسمىنى سۇلياۋتۇڭ، كۈپ، قەلەي تۇڭلارغا قاچىلاپ ئىشلىتىشكە تەييارلىسا بولىدۇ. بۇ، ئانا ئېرىتمە دېيىلىدۇ. ئادەتتە قويۇقلۇقى 24 ~22 بومى گىرادۇسقا يەتسە ئەڭ ياخشى بولىدۇ، 20~18 بومى گىرادۇسقا يەتسە نورمال بولىدۇ.
      3. ئىشلىتىش ئۇسۇلى
      نەشپۈت، ئالمىنىڭ قارا داغ كېسىلى، چىرىش كېسىلى، شاپتۇلنىڭ يوپۇرماق قۇرۇش كېسىلى، قاسراقلىق قۇرت، قىزىل ئۆمۈچۈك ۋە ھاشارات تۇخۇمىنى يوقىتىشتا، ئانا ئېرىتمىنىڭ 5~3 بومى گىرادۇسلۇق ئېرىتمىسىنى پۈركۈسە بولىدۇ. 5 بومى گىرادۇسلۇق ئېرىتمە تەييارلاش ئۈچۈن، gk1 ئانا ئېرىتمىگە gk5 سۇ قوشسا بولىدۇ. gk1 ئانا ئېرىتمىگە gk8 سۇ قوشسا، 3 بومى گىرادۇسلۇق ئېرىتمە تەييارلىنىدۇ.
      تۇپراق تېمپېراتۇرىسى 10 قا يەتكەندىن باشلاپ چېچەكلىگىچە بولغان ئارىلىقتا، مېۋىلىك دەرەخلەرگە 5~3 بومى گىرادۇسلۇق ئېرىتمىسىنى پۈركۈش ئارقىلىق كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئالسا بولىدۇ. يازدا 0.5 بومى گىرادۇسلۇق ئېرىتمىسىنى ھەر 51 كۈندە 1 قېتىمدىن جەمئىي 2 قېتىم پۈركۈسە، قالدۇق كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ ھەر gk ئانا ئېرىتمىگە gk50 سۇ قوشسا 5.0 بومى گىرادۇسلۇق ئېرىتمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر