1. ئاممىياك سۈيى: gK50 كالا تېزىكى، g50 كانىپۇرچاق دادۇر تالقىنى، gK5 گەجنى ئارىلاشتۇرۇپ، ℃25 لۇق شارائىتتا 3 كۈن دۈملەپ، 3 ھەسسە سۇ قۇيسا بولىدۇ.
2. ئاممونىي سۇلفات: gK50 سۈيدۈك، gK5 گەج، gK25 سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ، 10 كۈن دۈملىسە بولىدۇ.
3. بىرىكمە ئوغۇت: ئېزىپ تاسقالغان gK100 كالتسىي سۇپېر فوسفات نى gK150~120 سۈيدۈككە ئارىلاشتۇرۇپ، دۆۋىلەپ، ئۈستىنى لاي بىلەن mc3 قېلىنلىقتا سۇۋاپ، 7 كۈن دۈملىسە بولىدۇ. بۇ خىل بىرىكمە ئوغۇتنى ئاساسىي ئوغۇت، قوشۇمچە ئوغۇت، ئۇرۇق ئوغۇتى قىلىشقا بولىدۇ.
4. ئازوت، ئاممونىي، فوسفور بىرىكمە ئوغۇتى: ھايۋانات سۆڭىكىنى سوقۇپ، پاراشوك ياسىسا، ئۇزاق ئۈنۈم بېرىدىغان ئوغۇت بولىدۇ. ئادەتتە ئاساسىي ئوغۇت قىلسا بولىدۇ. بۇ پىشقان سۆڭەك پاراشوكى ۋە خام سۆڭەك پاراشوكى دەپ ئىككىگە بولۈنىدۇ. خام سۆڭەك پاراشوكى سۆڭەك ئاددىيلا دۈملەپ پىشۇرۇلۇپ، بىر قىسىم ياغ تەركىبى چىقىرىۋېتىلىپ سوقۇپ ياسىلىدۇ. بۇنىڭ تەركىبىدە ~%2%6 ئازوت، %28~%15 فوسفورلۇق پېنتوكسىد بار. پىشقان سۆڭەك پاراشوكى ئېرىتمىسى بىلەن سۆڭەك تەركىبى چىقىرىۋېتىلىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا دۈملەپ پىشۇرۇپ، سوقۇپ ياسىلىدۇ. بۇنىڭ تەركىبىدە 1.5%~%5 ئازوت، %16~%25 كىچە فوسفورلۇق پېنتوكسىد بار.