ئازوت كەملىك
تۈپى پاكار، ئاجىز، ئۆسۈشى ئاستا، يوپۇرمىقى تار، رەڭگى سۇس يېشىل بولۇپ قالىدۇ. ئېغىر بولغاندا يوپۇرمىقى ئاساسىدىن يۇقىرىغا قاراپ سارغىيىدۇ، ئۇچى قۇرۇيدۇ، تۈپلەنمەيدۇ، چاچما يىلتىزى ئاز، غولى ئىنچىكە، ئاجىز بولۇپ قالىدۇ.
تولۇقلاش ئۇسۇلى: ئازوت كەملىك كۆكىرىش مەزگىلىدە كۆرۈلسە، ھەر مو يەرگە gk5 ئۇرېيە بەرسە، بوغۇم تارتىش مەزگىلىدە كۆرۈلسە، gk15~10 ئۇرېيە بەرسە بولىدۇ.
فوسفور كەملىك
بۇغداي مايسىسىنىڭ ئۆسۈشى ئاستا، يوپۇرمىقى تۇتۇق يېشىل، نۇرسىز، يېڭى يوپۇرمىقى كۆكۈش يېشىل، يوپۇرماق ئۇچى بىنەپشە قىزىل، غولى ئاجىز بولىدۇ. ئاز تۈپلىنىدۇ، يىلتىزى تەرەققىي قىلالمايدۇ، باشاقلىشى كېچىكىدۇ، پۈچەك باشاق نىسبىتى كۆپىيىدۇ. مىڭدان ئېغىرلىقى كېمىيىپ كېتىدۇ.
تولۇقلاش ئۇسۇلى: مايسا مەزگىلىدە فوسفور كەم بولسا، ھەر مو يەرنى gk40~35 كالتسىي سۇفېرفوسفات بىلەن ئوغۇتلىسا بولىدۇ. ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلدە فوسفور كەم بولسا، باشاق تارتىپ چېچەكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھەر مو يەرگە كالىي دى ھىدروفوسفاتتىن g250~200 نى gk50 سۇدا تەڭشەپ، يوپۇرمىقىغا ھەر ~107 كۈندە 1 قېتىمدىن، ئۇدا 3~2 قېتىم پۈركۈسە بولىدۇ.
كالىي كەملىك
بۇغداي مايسىسىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى كونا يوپۇرماقنىڭ ئۇچى، گىرۋىكى دەسلەپ سارغىيىپ، كېيىن ئاستا - ئاستا قوڭۇرغا ئۆزگىرىدۇ، يىراقتىن قارىغاندا ئوت يالقۇنىدەك كۆرۈنىدۇ. ئېغىر بولغاندا پۈتۈن يوپۇرماق قۇرۇپ كېتىدۇ، غولى ئىنچىكە، ئاجىز بولۇپ، ئاسان يېتىپ قالىدۇ.
تولۇقلاش ئۇسۇلى: مايسا مەزگىلىدە ھەر مو يەرگە gk10 كالىي خلورىد ياكى gk50 ئوت - چۆپ كۈلى بەرسە بولىدۇ. ئۆسۈشنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ھەر مو يەرگە %0.3~%0.2 لىك كالىي دى ھىدروفوسفات ئېرىتمىسىدىن gk50 توغرىلاپ يوپۇرمىقىغا ھەر 110~7 كۈندە 1 قېتىمدىن، 3~2 قېتىم پۈركۈسىمۇ بولىدۇ.
سىنك كەملىك
يوپۇرمىقى يېشىللىقىنى يوقىتىدۇ، ئۇچ يوپۇرمىقى ئاقىرىدۇ. ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدە تۈپلەر پاكار، يوپۇرمىقى كىچىك، چۈرۈك بولۇپ قالىدۇ. يىلتىزى سارغىيىدۇ، پۈچەك باشاق كۆپىيىدۇ، مىڭدان ئېغىرلىقى تۆۋەنلەيدۇ.
تولۇقلاش ئۇسۇلى: مايسا مەزگىلى ۋە بوغۇم تارتىش مەزگىلىدە ھەر مو يەرگە g200~150 سىنك سۇلفات نى gk50 سۇدا تەڭشەپ، يوپۇرمىقىغا پۈركۈسە بولىدۇ.