سەي پۇرچىقىنى پارنىكتا زىيانسىز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى

0 2013-03-14 11:54:21   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

سەي پۇرچىقىنى پارنىكتا زىيانسىز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى

      سەي پۇرچىقى  تۆت پەسىللىك پۇرچاق، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا ھال كېسىلى، كۆيدۈرگە كېسىلى، كۈلرەڭ پاختىلىشىش كېسىلى، يىلتىز چىرىش كېسىلى، سولىشىش كېسىلى ۋە ئاق توزان پىت، كۆكپىت، يوپۇرماق كانىسى، قىزىل ئۆمۈچۈك قاتارلىق كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىشتا تۆۋەندىكى زىيانسىز ئۆستۈرۈش تېخنىكىلىرىنى قوللىنىش كېرەك:
      1. ئالماشتۇرۇپ تېرىش
      پۇرچاق تۈرىدىكى زىرائەتلەر بىلەن باشقا زىرائەتلەرنى ئادەتتە 3 يىلغىچە ئالماشتۇرۇپ تېرىش كېرەك.
      2. ئۇرۇقنى بىر تەرەپ قىلىش
      بۇنىڭدا ئۇرۇقنى %50 لىك باۋىستىننىڭ %0.5 لىك ئېرىتمىسىگە چىلاپ ياكى %40 لىك باۋىستىن 20 + سۇلفۇر 20 سۇسپېنزىيىسىنىڭ 50 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىگە 2 سائەت چىلاپ ياكى %40 لىك فورمالىننىڭ 300 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىگە 4 سائەت چىلاپ، ئاندىن سۇدا چايقىۋېتىپ تېرىسا بولىدۇ.
      3. پەرۋىشى
      پۇرچاقنى قىردا ئۆستۈرۈش، پارنىك تېمپېراتۇرىسى ۋە نەملىكىنى ياخشى كونترول قىلىش، كېسەل تەگكەن، ھاشارات چۈشكەن يوپۇرماقلارنى ۋاقتىدا پۇتىۋېتىش، ئېغىر يۈز بەرگەن تۈپلەرنى يۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
      4. بىيولوگىيەلىك ئۇسۇلدا كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش
      %27 لىك سترېپتومىتسىن  نىڭ 400~300 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى ۋە %1 لىك ۋۇفېيجۈنسۇ  نىڭ 2000~1500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى پۈركۈسە، زىيانداش ھاشارات، مىكروبلۇق كېسەللەر ۋە كۈلرەڭ پاختىلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە يوقاتقىلى بولىدۇ.
      5. خىمىيەلىك دورا بىلەن ئالدىنى ئېلىش
      1) يەر ئاستى زىيانداش ھاشاراتلىرىنى يوقىتىشتا %80 لىك خلورفوسنى 10000 ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ يىلتىزدىن سۇغۇرۇش، ئاق توزان پىت، كۆكپىتكە %20 لىك بۇپروفېزىن  نى 1000 ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ پۈركۈش كېرەك.
      2) يىلتىز چىرىش كېسىلى پەيدا بولسا %70لىك مېتىل توپسىن ياكى %50 لىك باۋىستىننى 50 ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ ھەربىر ئورەككە g50 دىن قۇيسا ياكى سۇغۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
      3) ھال كېسىلى دەسلەپ پەيدا بولغاندا %40 لىك فۇشىڭ  نى2000 ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ ياكى ترىئادىمېفون  نى 1000 ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ پۈركۈش كېرەك.
      4) كۈلرەڭ پاختىلىشىش كېسىلى دەسلەپ پەيدا بولغاندا %20 لىك خۇيخېۋېي نى 600 ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ ياكى سۇمىلېكس  نى 1000 ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ پۈركۈش ياكى %56 لىك ۋەنمېيلىڭ  دىن ھەر مو يەرگە g70 دىن چېچىش كېرەك.
      5) مىكروبلۇق كېسەللەر پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە %30 لىك TD نى 500 ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ، ياكى %77 لىك كېشادې  نى 600 ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ پۈركۈش كېرەك.
      6) كۆيدۈرگە كېسىلى پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە %80 لىك مونوكس  نى 400 ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ ياكى %75 لىك داكونىل  نى 600 ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ تەكشى پۈركۈش ياكى تۇپراققا %5 لىك داكونىلدىن ھەر مو يەرگە g70 ياكى %45 لىكىدىن g14 چېچىش كېرەك.
      دىققەت: خىمىيەلىك دورىلارنى ئىشلەتكەندە قويۇقلۇقى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، چېچىش ۋاقىت ئارىلىقى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ئوخشاش تۈردىكى دورىلارنى تەكرار چاچماسلىق، پۇرچاقنى يىغىۋېلىپ ئاندىن دورا ئىشلىتىش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر