كۆپ كېزەك ئوغلاقلارنى قانداق بېقىش كېرەك؟

0 2013-03-13 12:15:53   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      تەتقىقات ۋە تەجرىبىلەردە ئىسپاتلىنىشىچە، بور ئۆچكىسىنى كىرگۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئۆچكىلىرى بىلەن شالغۇتلاشتۇرغاندا، گۆش ئۆچكىسىنىڭ نەسلى ياخشىلىنىپ، شالغۇت ساغلىقلاردا قوش كېزەك قوزىلاشتەك ئەلا نەسىل ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنگەن، بولۇپمۇ بىر قىسىم ئەلا نەسىللىك يۇقىرى مەھسۇلاتلىق ساغلىقلار ھەر قېتىمدا قوش كېزەكلەپ، يىلدا ئىككى قېتىم ئوغلاقلاپ، باقمىچىلارغا زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلگەن. لېكىن ساغلىقنىڭ ئوغلاق سانى كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكتىن، يېلىنى يېتىشمەي، بىر قىسىم ئاجىزراق ئوغلاقلار ئانىسىنى ئېمەلمەي ئاچ قالىدىغان، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. شۇڭا ساغلىق كۆپ قوزىلىغان ۋاقىتتا تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك:
      1. بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش
      ساغلىق بىر قېتىمدا كۆپ ئوغلاقلىسا ياكى ساغلىق ئوغلاقلىغاندىن كېيىن ئۆلۈپ قالسا، ئوغلاقلارنىڭ بىر قىسمىنى ئوغلىقى ئازراق ساغلىققا باقتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا، باقتۇرۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن، ئىككى ساغلىقنىڭ ئوغلاقلىغان ۋاقتىنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىك پەرقى 4~3 كۈن ئىچىدە بولۇشى، ئىككى قوتاندىكى ئوغلاقلارنىڭ جۇغىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ساغلىقنىڭ پۇراش سەزگۈسى بىرقەدەر كۈچلۈك بولىدۇ، بولۇپمۇ يەرلىك ساغلىقلارنىڭ شۇنداق. شۇڭا ساغلىقنىڭ سىرتتىن ئېلىپ كىرگەن ئوغلاقنى پۇراپ بىلىۋېلىپ، ئەمدۈرمەي قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئادەتتە ئوغلاقنى كېچىدە ساغلىقنىڭ يېنىغا ئېلىپ كىرىش كېرەك. ئېلىپ كىرىشتىن بۇرۇن، ئىككىلا قوتاندىكى ئوغلاقلارنىڭ ئۈستىگە پۇرىقى ئوخشاش دورا سۈيى ياكى ئىسپىرت چېچىش كېرەك، باقىدىغان ساغلىقنىڭ سۈتى ياكى سۈيدۈكىنى باقتۇرىدىغان ئوغلاقنىڭ ئۈستىگە سۈرسىمۇ بولىدۇ. ئاندىن ئىككى ئوغلاقنى بىر سېۋەتكە سېلىپ بىرلىكتە ئېمىتىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ساغلىق ئىككىسىنى پەرقلەندۈرەلمەي تەڭ ئېمىتىدۇ.
      2. تۈركۈمگە بۆلۈپ ئېمىتىش
      ئېمىتىدىغان ئوغلاق بەك كۆپ بولۇپ كەتكەندە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئېمىتىش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا چوقۇم ساغلىقنى بېقىشنى كۈچەيتىپ، ساغلىقنىڭ ئوزۇقلۇق سەۋىيەسى ئوتتۇراھالدىن يۇقىرى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، يېتەرلىك سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشىغا كېپىللىك قىلىش كېرەك. ئوغلاقلارنى چوڭ - كىچىكلىكى ۋە ئاجىز - كۈچلۈكلىكى بويىچە گۇرۇپپىلارغا ئايرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالدۇرراق يەم - خەشەككە ئۆگىتىپ، ساغلىقنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ھەمدە قوتاندىكى ئوغلاقلارنىڭ تەكشى يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
     3. سۈنئىي سۈت بېرىش
      ساغلىق بىر قېتىمدا كۆپ ئوغلاقلىغان ۋە ساغلىقنىڭ سۈتى يېتىشمىگەن ئەھۋالدا، ئوغلاق ئوغۇز سۈتىنى ئەمگەن شەرت ئاستىدا، قىسقا بىر مەزگىل سۈنئىي سۈت بېرىپ باقسا بولىدۇ. تەييارلاش ئۇسۇلى مۇنداق: 2 ئۈلۈش كالا سۈتىگە 1 ئۈلۈش ئاق شېكەر سېلىپ، 7 ئۈلۈش سۇ قوشۇپ سۇيۇلدۇرۇپ، قايناتقاندىن كېيىن73 قىچە سوۋۇتۇپ، ئاندىن ئوغلاققا بەرسە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە گۈرۈچ سۈيىگە ئاق شېكەر قوشۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ. تۇغۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان، تېنى ئاجىز ئوغلاقلارغا سۈت بەرگەندە ئېمىزگە بىلەن بېرىش كېرەك، ئەگەر ئوغلاق كۆپرەك بولسا، ئېمىشنى ئۆگىتىش كېرەك. ئۆگىتىش ئۇسۇلى مۇنداق: يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئۇسۇل بويىچە تەييارلانغان سۈتنى كىچىك داس (داسنىڭ ئېگىزلىكى 10~8 سانتىمېتىر بولۇشى كېرەك) قا تۆكۈپ، پاكىز بارماقنى سۈتكە تەگكۈزۈپ، ئاندىن ئوغلاققا بارماقنى شوراتقۇزۇپ مەشىق قىلدۇرسا بولىدۇ. ئادەتتە ئوغلاق 3~2 كۈندىن كېيىنلا ئېمىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر