ئوتتۇرا مەكتەپتە دەرسنى »قوش تىل« دا ئۆتۈش توغرىسىدا يۈزەكى قاراشلىرىم
بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلغان - قىلمىغانلىقى، مىللەت ساپاسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى شۇ دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئارىپقا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئارقىلىق گەۋدىلىنىدۇ. چۈنكى، مائارىپنىڭ تۈپ مەقسىتى سىياسىي ئىدىيە ساپاسى ۋە پەن - تېخنىكا ساپاسى يۇقىرى، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە، بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىگە ماس ئىقتىدارلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت.
ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، بولۇپمۇ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە، شۇنداقلا ئوقۇ - ئوقۇتۇش سېپىگە رىقابەتلەرنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، كىشىنى خۇشال قىلارلىق يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپى بويىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا »قوش تىل« دا دەرس ئۆتۈش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى.
ئېلىمىز كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇ تىلىنى مۇكەممەل ئىگىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى دۇنيا تىلسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. كىشىلەر تىل ئارقىلىق ئۆزئارا ئالاقە قىلىدۇ، تىل ئارقىلىق ئوزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىدۇ. دېمەك، تىل ئالاقە قىلىش، چۈشىنىش ھاسىل قىلىشتىكى ۋاسىتىچى قورالدۇر.
مەن ئۇزۇن يىل ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىم، ئۆز ئانا تىلىمدا ۋە »قوش تىل« دا دەرس بەردىم. تۆۋەندە مەن خىزمەت ئەمەلىيىتى جەريانىدا توپلىغان تەجرىبىلىرىم ۋە »قوش تىل« دا دەرس ئۆتۈش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىمنى، جۈملىدىن ئوتتۇرا مەكتەپتە »قوش تىل« دا دەرس ئۆتۈشنىڭ قانداق ئەۋزەللىكى بار؟ قانداق قىلغاندا »قوش تىل« دا دەرس ئوتكەندە كوزلىگەن مەقسەتكە تېخىمۇ ياخشى يەتكىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
بىرىنچى، ئوتتۇرا مەكتەپتە دەرسنى »قوش تىل« دا ئۆتۈشنىڭ ئەۋزەللىكى
1. ئوتتۇرا مەكتەپتە »قوش تىل« دا دەرس ئۆتۈش ئومۇملاشتۇرۇلسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلدىكى دەرسلىك ۋە پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىدىن بىۋاسىتە پايدىلىنىپ، ئۆز بىلىم قۇرۇلمىسىنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت ياراتقىلى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئانا تىلىنىلا ئەمەس، باشقا قېرىنداش مىللەت تىلىنىمۇ، بولۇپمۇ دۆلەت تىلىنى پۇختا ئىگىلىسە، خۇددى يولۋاسقا قانات چىققاندەك تېزدىن ئىلگىرى باسالايدۇ. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساپاسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپنىڭ تەرەقىياتىنى تېزلىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىختىساس ئىگىلىرىگە نىسبەتەن تەلىپىنى قاندۇرىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم قوش تىل ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.
2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي بىلىم ۋە ئۇنىۋېرسال بىلىمگە ئىگە بولۇشىنى تېزلىتىپ، دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشىش ئىقتىدارى ۋە ئىجادچانلىق روھىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى كەلگۈسىگە ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەيدۇ.
ئىككىنچى، »قوش تىل« دا سۆزلەنگەن دەرس ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ
ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى دەرسنى »قوش تىل« دا چۈشىنىشلىك ئۆتۈش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۆز ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان دەرس ئۆتۈش مېتودىنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدىنىشى كېرەك.
1. ئوقۇغۇچىلارنىڭ »قوش تىل« دا ئۆتۈلگەن دەرسكە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش كېرەك. ئادەتتە كۆرسەتمىلىك قوراللاردىن ۋە سىناق - تەجرىبىلەردىن كۆپرەك پايدىلىنىپ، يەنى ھەرىكەتچان شەكىللەر، شەكىل چۈشۈرۈش ئاپپاراتى، ھەر خىل رەسىملەر قاتارلىق ۋاسىتىلاردىن پايدىلىنىپ دەرس ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن دەرس مەزمۇنىنى مۇكەممەل ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.
2. ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش بىلەن بىرگە، تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئاساسىدا ئەتراپنى كۆزىتىپ، ئۆتۈلگەن دەرس بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
3. ئوقۇغۇچىلاردا توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارغا »قوش تىل« دا دەرس ئۆتۈش جەريانىدا »قوش تىل« ئوقۇتۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، ئانا تىل تەربىيەسىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش دەرىجىسىنى ئاساس قىلىپ، كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك.
ئۈچىنچى، خۇلاسە
ئوتتۇرا مەكتەپتە دەرسنى »قوش تىل« دا ئۆتكەندە، ئوقۇتقۇچىلار قانداق مېتودنى قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر، مەقسەت ئېنىق، دەرس مەزمۇنى چۈشىنىشلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ بىلىم بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.