ئىلمىي ژۇرنال تەھرىرلىكىدە ھازىرقى زامان تەھرىرلىك ۋاسىتىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش توغرىسىدا ئىزدىنىش

0 2013-03-11 12:32:39   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      كومپيۇتېر ۋە تور تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىلمىي ژۇرنال تەھرىر بۆلۈملىرىنىڭ  ئەنئەنىۋى خىزمەت ئۇسۇلىدا زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. ئالىي مەكتەپ ئىلمىي ژۇرناللىرىنى دەۋر قەدىمىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، كومپيۇتېر ۋە تور تېخنىكىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئىلمىي ژۇرنالنىڭ خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق تەھرىرلىك خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش كېرەك.
      1. ھازىرقى زامان تەھرىرلىك ئېڭىنى تىكلەش      ئىلمىي ژۇرنالنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قەرەللىك ژۇرنال مۇھەررىرلىرىگە يۈكلەنگەن مۇھىم ۋەزىپىدۇر. زامانىۋىلاشقان تەھرىرلىك ئېڭى مۇھەررىردە بولۇشقا تېگىشلىك ئاڭ ھېسابلىنىدۇ. بىرىنچىدىن، مۇھەررىر زامانىۋى ئىدىيەۋى ئاڭنى تىكلىشى كېرەك. ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلارمۇ كۆپەيمەكتە، يېڭى ئىدىيە، قاراشلارمۇ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا چىقماقتا. بۇلار مۇھەررىرلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلماقتا، ئەگەر كونا، قاتمال ئىدىيەدە تۇرىۋېرىدىغان بولسا ئۆزى يېڭى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشالمايدۇ. ئىككىنچىدىن، مۇھەررىرلەر ئىلگىرىكى بىلىملىرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، زامانىۋىلاشقان جەمئىيەتنىڭ ژۇرنالغا قويغان تەلىپىدىن چىقالايدىغان بولۇشى كېرەك. ئىلمىي ژۇرنالنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ھەربىر مۇھەررىر ئاكتىپلىق بىلەن ئىلگىرىلەش ئېڭىنى ۋە ئىجتىھات بىلەن ئىشلەيدىغان ئۆگىنىش روھىنى تىكلىشى كېرەك.
      2. زامانىۋى تەھرىرلىك ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىش
      زامانىۋى تەھرىرلىك ۋاسىتىسى مۇھەررىرنىڭ كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ ماقالىلارنى قوبۇل قىلىش، باشقۇرۇش، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرۈشىگە يوللاش، ماقالىلارنى ئوقۇپ تەكشۈرۈش، تور ئارقىلىق تەھرىرلەش، تىزىش، كوررېكتورلۇق قىلىش، شۇنداقلا ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ توردىن تەكشۈرۈش، ئالاقىلىشىش ۋە نەشر قىلىپ تارقىتىشنى كۆرسىتىدۇ.
      1) ئېلېكتىرونلاشقان ماقالە قوبۇل قىلىش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىش. قوليازما ياكى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ چىقىلغان ماقالىنى پوچتىدىن يوللاش ئاپتورلارنىڭ ئەنئەنىۋى ماقالە ئەۋەتىش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇنداق قىلغاندا ۋاقىت كۆپ كېتەتتى، شۇنداقلا ئاپتورنىڭ چىقىمىنىمۇ ئاشۇرۇۋېتەتتى. تورلىشىش مۇساپىسىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ، كۆپ ساندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ياكى پەن تەتقىقات خادىملىرى تورغا چىقالايدىغان كومپيۇتېرغا ئىگە بولدى. تور دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى ئاپتور بىلەن مۇھەررىرنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى، شۇنداقلا ماقالە يوللاش ئۇسۇلىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى ئۈنۈملۈك تولۇقلىدى. ئاپتورلار بىۋاسىتە ھالدا تور ئارقىلىق ماقالە ئەۋەتسىلا، تەھرىر بۆلۈمى بىر ياكى بىر قانچە ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى تەسىس قىلىپ، شۇ خەت ساندۇقى ئارقىلىق ماقالە قوبۇل قىلالايدىغان بولدى. ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىنىڭ سۈرئىتى تېز، خىراجىتى ئاز بولۇپ، ئاپتور بىلەن مۇھەررىر بىۋاسىتە ئالاقىلىشىشقا قۇلايلىق يارىتىپ بېرەلەيدۇ.
      2) توردا ماقالىلارنى تەكشۈرۈش تەرتىپلىرى. ماقالىنى تەكشۈرۈش جەريانى ئادەتتە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تاللىشى، ماقالىلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە يوللاش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش پىكرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنتېرنېت تورىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە مۇھەررىرلەرنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى توردا تەھرىرلىك خىزمىتىنى تاماملاشنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. كۈچلۈك كەسىپچانلىققا ۋە بىرقەدەر يۇقىرى ئىلمىيلىققا ئىگە قەرەللىك ژۇرناللاردا بەلگىلىك دەرىجىدىكى مۇقىم، دائىرىسى كەڭ مەخسۇس ماقالە تەكشۈرۈپ بېكىتىش قوشۇنى بولۇشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي ژۇرنال سۈپىتى ئالدى بىلەن ماقالىنىڭ سۈپىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنسىمۇ، لېكىن يەنە بىر مۇھىم ئامىل ماقالە تەھرىرلەش سەۋىيەسىدىن ئىبارەت. بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك ماقالە تەكشۈرۈپ بېكىتىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بولۇشى ناھايىتى مۇھىمدۇر. مۇشۇنداق بولغاندا ماقالىنىڭ يېڭىلىقى، ئىلغارلىقى، ھەقىقىيلىكى ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقىغا توغرا باھا بەرگىلى بولىدۇ. ئىلگىرى ماقالە تەكشۈرۈپ بېكىتىدىغان مۇتەخەسسىسلەر ئاساسەن مەكتەپ ئىچىدىلا چەكلىنەتتى، لېكىن خەۋەرلىشىش ۋاسىتىسى تەرەققىي قىلمىغان مەزگىللەردە بۇ خىزمەتنى ئىشلەشمۇ بىرقەدەر جاپالىق ئىدى. لېكىن ھازىر تور تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، »توردا ماقالە تەكشۈرۈپ بېكىتىدىغان مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى« نى قۇرۇشقا تامامەن بولىدىغان بولدى. مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى ئارقىلىق توردا ماقالىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكىلى بولىدۇ، يەنى ھەم ناچار ماقالىنىڭ ئىشلىتىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ھەم بىر ماقالىنى كۆپ قېتىم تەھرىرلەپ، ماقالىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى شۇنداقلا تەسىر كۈچىگە ئىگە قەرەللىك ژۇرناللار بەس - بەستە تورغا چىقماقتا، ئۇچۇرلار بارغانسېرى زورايماقتا، ئىگىلىمەكچى بولغان ئۇچۇرلار يېڭى، تەكشۈرۈش ئۈنۈمى، توغرىلىق ئۈنۈمى يۇقىرى بولماقتا، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھەررىرنىڭ تورغا چىقىپلا مۇۋاپىق ماقالە تەكشۈرۈپ بېكىتىدىغان مۇتەخەسسىسنى تېپىشىغا ناھايىتى قۇلايلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بەردى. مۇھەررىرلەر تور ئارقىلىق ھەرقايسى مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملارنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى، ئاساسلىق تەتقىقات نەتىجىلىرى، ئۆتىۋاتقان دەرسى، ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى ئەسەرلىرى، ئالاقىلىشىش تېلېفونى، ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىيەلەيدۇ، ماتېرىيالنى تولۇق ئىگىلىگەندىن كېيىن، مۇھەررىر مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، مۇتەخەسسىسنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ماقالە تەكشۈرۈپ بېكىتىدىغان مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىنى قۇرۇپ، ماقالىنى كۆرۈپ بېكىتىشنىڭ تېخىمۇ قاراتمىلىقلىقىغا ۋە توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى، شۇنداقلا ماقالە تەكشۈرۈپ بېكىتىشنىڭ ئادىل، توغرا ۋە تېز بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مۇھەررىر مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىدىن ياكى توردىن ماقالە تەكشۈرۈپ بېكىتىدىغان مۇتەخەسسىسنى تاللىغاندىن كېيىن، توردىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقىنى تاپقاندىن كېيىن، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يولانمىلارنى تاپشۇرۇۋالىدىغان ياكى تارقىتىدىغان ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقىدىن پايدىلىنىپ، ماقالىنى تېز ئەۋەتكىلى، توردا ماقالىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكىلى بولىدۇ. توردا ماقالە تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋاقىتنى زور مىقداردا تېجەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن ماقالىلەرنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى، ماقالە تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچىنىڭ يوقلىقى سەۋەبىدىن ماقالە تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. پەقەت تورغا ئۇلانغان كومپيۇتېر بولسىلا، ماقالە تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى مۇتەخەسسىس خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان جايدا ماقالىنى ئېچىپ كۆرەلەيدۇ، شۇنداقلا دەرھال ماقالىنى تەكشۈرۈشكە كىرىشەلەيدۇ، تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن يەنە دەرھاللا تەھرىر بۆلۈمىگە ئەۋەتىپ بەرگىلى بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىش پىكىرىگە ئاساسەن، مۇھەررىر قىسمەن ياكى بارلىق ماقالىلارنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىش پىكىرىنى تور ئارقىلىق ئاپتورغا يوللاپ بەرگىلى بولىدۇ. ئاپتور ماقالىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىش پىكىرىگە ئاساسەن پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن، تور ئارقىلىق تەھرىر بۆلۈمىگە قايتىدىن ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ، بۇنداق قىلىش ماقالە تەكشۈرۈپ بېكىتىدىغان مۇتەخەسسىسلەرگە زور قۇلايلىقلارنى يارىتىپ بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مۇھەررىر بىلەن ئاپتورلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئاسانلاشتۇردى.
      3) مۇھەررىرنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئىلمىي ژۇرنالنىڭ تەرەققىي قىلىش مۇساپىسىغا چېتىلىدىغان مەڭگۈلۈك تېما ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ھېسابلىنىدۇ. مۇھەررىرنىڭ ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى بىر يېڭى مەسىلە بولمىسىمۇ، تورلاشقان مۇھىتتا بىز بۇنى قايتىدىن تونۇشىمىز كېرەك. قەرەللىك ژۇرناللاردىكى رىقابەت كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەنئەنىۋى قاراشتا چىڭ تۇرۇۋېلىپ، يېڭىلىق ياراتمىغاندا، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگىلى بولمايدۇ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئارقىدا قالىدۇ، شۇنداقلا جەمئىيەت تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ئالىي مەكتەپ ئىلمىي ژۇرنال مۇھەررىرلىرى بۇرۇلۇش ۋە بۆسۈپ ئۆتۈشتە جۈرئەتلىك بولۇپ، تورنىڭ نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىغا ئېلىپ كەلگەن غايەت زور تەسىرىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، تورنىڭ ئىلمىي ژۇرنال تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا ئەھمىيەت بېرىشى، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتتە تور سۇپىسى ۋە تور تېخنىكىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى كېرەك.
      3. زامانىۋى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىش      ئالىي مەكتەپنىڭ ئىلمىي ژۇرناللىرىدا زامانىۋى تەھرىرلىك ۋاسىتىسىدىن پايدىلانغاندىن كېيىن، تەھرىرلىك خىزمىتىنى باشقۇرۇشقا يېڭى تەلەپلەر قويۇلىدۇ. بۇ تەلەپكە يېتىشتە تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك:
       1) مۇھەررىرلەر تور ئېڭىنى تىكلىشى كېرەك. مۇھەررىرلەرنىڭ تور ئېڭى ئۇچۇر ئېڭى، ئالدىن كۆرەرلىك ئېڭى، بىخەتەرلىك ئېڭى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەنئەنىۋى ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ۋاسىتىسى ماكان ۋە زاماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، بەلگىلىك قالاقلىقتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. لېكىن تور تېخنىكىسى ماكان ۋە زامان چېگرىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇچۇر تارقىتىش سۈرئىتىنى ناھايىتى تېزلەشتۈردى. شۇڭا، مۇھەررىرلەر بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان ئۇچۇرلارنى سېزىش ئىقتىدارى ۋە ئۇچۇرلارنى بىرىكتۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى، نەشر بۇيۇمىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئىلمىيلىقى ۋە ئىلغارلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇچۇرنىڭ ۋاقىت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. ئالدىن كۆرەرلىك ئېڭى: ئەڭ يېڭى پەن - تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇچۇرنى يىغىنچاقلاش ۋە پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. تەھرىرلىك پائالىيىتىدە مۇھەررىرلەرنىڭ ئۇچۇرلارنى تاللاش، باھا بېرىش، تېما تاللاش، ماقالە ئۇيۇشتۇرۇش، ماقالە تەھرىرلەش )ئۇچۇرلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئۇچۇرلارنى يوللاش(، نەشر قىلىش، تارقىتىش ۋە ئۇچۇرلارغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىغا ئىگە بولغان مۇھەررىرلەرلا تاپشۇرۇۋېلىنغان ماقالىلەردىن يېڭىلىق يارىتىش ئامىلىغا ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ماقالىلەرنى بايقىيالايدۇ ۋە تاللىيالايدۇ. بىخەتەرلىك ئېڭى: قەرەللىك ژۇرنال مۇھەررىرلىرى باشتىن ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشى، توردا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىماسلىقى، توردىكى ھەر خىل ئۇچۇرلارنى يۇقىرى دەرىجىدە پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، توردىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىشى ۋە ئۇنى يوللىشى كېرەك. قەرەللىك ژۇرنال مۇھەررىرلىرىدە كومپيۇتېر ۋىروسىدىن ساقلىنىش ئېڭى  بولۇشى، كومپيۇتېرنى دائىم ۋىرۇسسىزلاندۇرۇپ تۇرۇشى، بىر قىسىم مۇھىم ماتېرىيال ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى زاپاس ساقلاپ، كومپيۇتېرنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا ۋە ماتېرىياللارنىڭ مۇكەممەللىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
      2) مۇھەررىرلەر زامانىۋىلاشقان تور تېخنىكىسىنى ئىگىلىشى كېرەك. تور دەۋرى تەھرىرلىك خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى. قەرەللىك ژۇرنال مۇھەررىرلىرى كومپيۇتېر ۋە تور تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ماقالە ئۇيۇشتۇرۇش، ماقالىنى كۆرۈشكە يوللاش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، تەھرىرلەش، بەت تىزىش، كوررېكتورلۇق قىلىش ۋە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى توپلاش، تارقىتىش قاتارلىق تەھرىرلىك ھالقىلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، مۇھەررىرلەردە چوقۇم كومپيۇتېردىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى بولۇشى، مول تور بىلىملىرىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇ بىلىملەر ئاساسلىقى توردىن پايدىلىنىش، تور ئۇچۇر تارقىتىش ۋە چۈشۈرۈش، تور بەت لايىھەلەش ۋە توردا ئۇچۇرلارنى ئېچىش قاتارلىق تېخنىكىلارغا ئىگە بولۇشى، كومپيۇتېر ئىنتېرنېت تورى قاتارلىق زامانىۋى قوراللاردىن پايدىلىنىپ، ھۆججەتلەرنى يوللاش، تور ئارقىلىق ماقالە ئۇيۇشتۇرۇش، تېما تاللاش، ئاپتورنىڭ ماقالىسىنى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرۈپ بېرىشىگە يوللاش، ماقالىنى قايتا پىششىقلاشقا يوللاش، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشىنىش، ئاپتور ۋە ئوقۇرمەنلەر بىلەن خالىغان ۋاقىتتا ئالاقىلىشىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
      3) بىخەتەرلىكنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. كۆپلىگەن قەرەللىك ژۇرناللارنىڭ تورغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، تەھرىر بۆلۈملىرىدىكى كومپيۇتېرنىڭ تورغا ئۇلىنىشى، بىخەتەرلىكى ۋە مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشى ھازىرقى مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. بىر تەرەپتىن، مۇھەررىرلەر كومپيۇتېر ۋىرۇسلىرىدىن ساقلىنىش ئېڭىنى تىكلەپ، كومپيۇتېرنىڭ نورمال ئايلىنىشى ۋە ماتېرىياللارنىڭ ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، مۇھەررىرلەر توردىكى ئۇچۇرلاردىن توغرا پايدىلىنىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشى، تور ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويماسلىقى كېرەك.
      4) تورلىشىشنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. تەھرىراتلار تورغا ئۇلانغاندىن كېيىن، ئاپتورلار liam-E ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن ماقالىلارنى تېخىمۇ كۆپلەپ تاپشۇرۇۋالىدۇ، قانداق قىلغاندا ۋاقتىدا ئاسراش ۋە بىر تەرەپ قىلىش - باشقۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مۇۋاپىق باشقۇرۇش ۋاسىتىسى بولمايدىكەن، ماقالە يوقاپ كېتىپ، ئاپتورغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ھادىسىلىرى كېلىپ چىقىدۇ، بۇ تەھرىر بۆلۈمىنىڭ خىزمەتتىكى سەۋەنلىكى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، تەھرىر بۆلۈمى كومپيۇتېر، سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن پايدىلىنىپ ھەربىر ماقالىنىڭ ئورنى، ھەربىر ماقالىنىڭ ھەربىر ھالقىدىكى بىر تەرەپ قىلىنىش ئۇچۇرلىرىنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشى، كۆڭلىدە سان بولۇشى، تاسادىپىي ئىشلارنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
      ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئومۇملىشىشى پۈتۈنلەي يېڭى تور دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە تورنىڭ تەرەققىي قىلىشى نەشرىيات ساھەسىگە يېڭى ئىنقىلابلارنى ئېلىپ كەلدى. تور ئەنئەنىۋى قەرەللىك ژۇرنال تەھرىرلىك خىزمىتى ئەندىزىسىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى. شۇنداقلا ئۇ ئەنئەنىۋى ۋە مۇقىم تەھرىرلىك ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تەھرىرلىك خىزمىتى ۋە مۇھەررىرلەرگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى. شۇنداقلا يېڭى خىرىس پەيدا قىلدى. شۇڭا، تور دەۋرىدىكى مۇھەررىرلەر تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى چوقۇم ئىگىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى، قەغەز يۈزىدە ئەنئەنىۋى تەھرىرلەشتىن پەيدىنپەي كومپيۇتېر ئېكرانىدا تەھرىرلەشكە ئۆتۈپ، ئەنئەنىۋى تەھرىرلەش، تەھرىرلىك خىزمىتىنى تورلاشتۇرۇپ نەشر قىلىش ئىدىيەسى ۋە ئېڭىنى تىكلەپ، سېفىرلاشقان نەشر قىلىش ئەندىزىسىنى ئورنىتىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر