توخۇ كاتىكىنى دېزىنفېكسىيە قىلىشتىن مەقسەت توخۇ كاتىكىدىكى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلارنى يوقىتىشتىن ئىبارەت.
توخۇ كاتىكىنى دېزىنفېكسىيە قىلغاندا مىكروب ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك ھەم دورا قالدۇقى قالدۇرمايدىغان دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش، بولۇپمۇ كەڭ ئىشلىتىلىدىغان، ئۈنۈمى يۇقىرى، توخۇ كاتىكىدىكى تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، جۈملىدىن ۋىرۇس خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىپ، ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمى كۈچلۈك بولغان دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. ئادەتتە، ۋىرۇسلار قۇرۇلمىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن پەردىلىك ۋە پەردىسىز دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. فىنول تۈرىدىكى دورىلار، تۆت مەنبەلىك ئاممونىي تۇزلىرى قاتارلىق دېزىنفېكسىيەلەش دورىلىرىنىڭ ئۆي قۇشلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان توخۇ يېڭى شەھەر ۋاباسى ۋىرۇسى، مارىكىس ۋىرۇسى، توخۇ يۇقۇملۇق كانايچە ياللۇغى ۋىرۇسى قاتارلىقلارنى يوقىتىشتا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى. بىراق، بۇلارنىڭ پەردىسىز ۋىرۇسنى يوقىتىش ئۈنۈمى ياخشى ئەمەس. تارقىلىشچان فابرىتسىي خالتىسى ياللۇغى، توخۇ يۇقۇملۇق قان ئازلىق ۋىرۇسى قاتارلىق پەردىسىز ۋىرۇسنى يوقىتىشتا يۇقىرى ئۈنۈملۈك دېزىنفېكسىيەلەش دورىلىرىنى ئىشلەتكەندىلا ئاندىن كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك دېزىنفېكسىيەلەش دورىلىرىدىن ئىشقار تۈرىدىكى، پروكسىد تۈرىدىكى خلورلۇق ياسالمىلار ۋە يود ياسالمىلىرى قاتارلىقلار بار. شۇڭا توخۇ كاتىكىنى دېزىنفېكسىيەلىگەندە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1. توخۇ كاتىكىنى دېزىنفېكسىيەلىگەندە، دېزىنفېكسىيەلەش رولىغا ئىگە دورىلارنى خالىغانچە ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. دېزىنفېكسىيەلەش دورىلىرىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئىشلەتسە، دورىغا تاقابىلچانلىق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
2. دېزىنفېكسىيەلەش دورىلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق توخۇ كاتىكىنى دېزىنفېكسىيە قىلغاندا، دورىنىڭ قۇيۇقلۇقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئادەتتە ھەربىر خىل دورىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۈنۈملۈك قويۇقلۇقى بولىدۇ. ئەگەر بۇ قويۇقلۇقتىن تۆۋەن بولۇپ قالسا ئۈنۈمى بولمايدۇ. قويۇقلۇقى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە دېزىنفېكسىيەلەش ئوبيېكتلىرىغا پايدىسىز بولىدۇ. بەزى دورىلارنىڭ چىرىتىشچانلىقى، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى ياكى زەھىرى بولىدۇ. شۇڭا، دېزىنفېكسىيەلەش دورىلىرىنى ئىشلەتكەندە چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدىكى كۆرسەتمە بويىچە ئىشلىتىش كېرەك.
ئاننا كىنو ساھەسىدىكى ئەڭ ياخشى ئايال ياردەمچى رول مۇپاكاتى...
Judi Forster ئالتۇن شار مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمدا ئوزىنىڭ ئوخشا...
ئامېرىكا خانقىزى مۇسابقىسىدا خانىش بولغان ماھىر نيۇيوركتىن...
ئاۋسترالىيەلىك ئەر تاماكا بەرمىگەنلىكى ئۇچۇن باشقىلار تەرپ...
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ۋەزىپە ئۆتكۈزۋېلىش مۇراسىمى تەي...
ئىتالىيەنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بەنغازىدا ھۇجۇمغ...
21 ياشلىق پەلەستىنلىك بالا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن...