بىرىنچى، چارۋا مال ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ يەم - خەشەك رېتسىپىنى لايىھەلەش ئۇسۇلى
چارۋا مال ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ تۈرى، جىنسى، يېشى ۋە تەن ئېغىرلىقىغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ يەم - خەشەك رېتسىپى تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بويىچە لايىھەلىنىدۇ:
1. ئوزۇقلاندۇرۇش ئۆلچىمى جەدۋىلىدىن شۇ مالغا ماس كېلىدىغان ئوزۇقلاندۇرۇش ئۆلچىمى تاللىۋېلىنىدۇ؛
2. يەم - خەشەك توقلۇق قىممىتى جەدۋىلىدىن تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل يەم - خەشەكلەرنىڭ توقلۇق تەركىبى ئىزدەپ تېپىلىدۇ؛
3. تاللاپ ئىشلىتىدىغان يەم - خەشەكلەرنىڭ تەخمىنىي نىسبىتى ئەمەلىي تەجرىبىلەرگە ئاساسەن دەسلەپكى قەدەمدە بەلگىلىنىدۇ؛
4. ھەر خىل تەركىبلەرنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئوزۇقلاندۇرۇش نورمىسى بىلەن سېلىشتۇرۇلىدۇ. قايسى خىلدىكى توقلۇق ماددىلار ئېشىپ كەتكەن ياكى كەملەپ قالغان بولسا، ئازايتىش ياكى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش نورمىسى بىلەن تەڭپۇڭلاشقانغا قەدەر تەڭشىلىدۇ.
ئىككىنچى، چارۋا مال ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ يەم - خەشەك رېتسىپىنى لايىھەلەشتە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1. مۇۋاپىق بولغان ئوزۇقلاندۇرۇش ئۆلچىمىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك؛
2. يېڭى، زەھەرسىز، بۇزۇلمىغان، تېتىمچانلىقى ياخشى بولغان يەم - خەشەكلەرنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. توقلۇق قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى، بىراق تېتىمچانلىقى ناچار بولغان قان تالقىنى، قىچا كۈنجۈرىسى قاتارلىق يەم - خەشەكلەرنىڭ مىقدارىنى چەكلەپ ئىشلىتىش كېرەك؛
3. چارۋا مال ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ توقلۇق ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرۈش شەرتى ئاستىدا، سۈپىتى ياخشى، تەننەرخى تۆۋەنرەك بولغان يەم - خەشەكلەرنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك.
ئاننا كىنو ساھەسىدىكى ئەڭ ياخشى ئايال ياردەمچى رول مۇپاكاتى...
Judi Forster ئالتۇن شار مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمدا ئوزىنىڭ ئوخشا...
ئامېرىكا خانقىزى مۇسابقىسىدا خانىش بولغان ماھىر نيۇيوركتىن...
ئاۋسترالىيەلىك ئەر تاماكا بەرمىگەنلىكى ئۇچۇن باشقىلار تەرپ...
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ۋەزىپە ئۆتكۈزۋېلىش مۇراسىمى تەي...
ئىتالىيەنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بەنغازىدا ھۇجۇمغ...
21 ياشلىق پەلەستىنلىك بالا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن...