قاتتىق سالجىلاردىن ھەر خىل ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ياۋا ھايۋانلارنىڭ تەن سىرتىدا پارازىت ياشايدىغان تاشقى پارازىت قۇرت بولۇپ، ئۆي ھايۋانلىرىغا زىيان سالغاندىن باشقا، يەنە كۆپ خىل كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. نۆۋەتتە شىنجاڭدا 33 خىل قاتتىق سالجىنىڭ بارلىقى مەلۇم. سالجىلار كۆپ مىقداردا قان شورىغانلىقتىن، ئۆي ھايۋانلىرىدا كەم قانلىق، ئورۇقلاش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بەزى سالجىلار بىر خىل توكسىن ئاجرىتىپ چىقىرىپ، چارۋا ماللارنىڭ ئارقا ئاياغ پالەچلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر خىل پروتوزلۇق كېسەللىكلەر، ۋىرۇسلۇق كېسەللىكلەر، باكتېرىيەلىك كېسەللىكلەر، سپروخېلىق كېسەللىكلەر ۋە فلمىدىيەلىك كېسەللىكلەرنى تارقىتىپ، ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ تۈركۈملەپ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش: تۇتۇش، خىمىيەلىك دورىلارنى پۈركۈش ۋە دورىلىق ۋاننىلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن چارۋا مالنىڭ تەن سىرتىدىكى سالجىلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ. چۇڭكېچىڭنى ئىچكۈزۈش ياكى ئىۋومىكنى ئوكۇل قىلىش ئارقىلىقمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە سالجا يوقىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئاننا كىنو ساھەسىدىكى ئەڭ ياخشى ئايال ياردەمچى رول مۇپاكاتى...
Judi Forster ئالتۇن شار مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمدا ئوزىنىڭ ئوخشا...
ئامېرىكا خانقىزى مۇسابقىسىدا خانىش بولغان ماھىر نيۇيوركتىن...
ئاۋسترالىيەلىك ئەر تاماكا بەرمىگەنلىكى ئۇچۇن باشقىلار تەرپ...
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ۋەزىپە ئۆتكۈزۋېلىش مۇراسىمى تەي...
ئىتالىيەنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بەنغازىدا ھۇجۇمغ...
21 ياشلىق پەلەستىنلىك بالا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن...