ئاپېلسىن ئاياللاردىكى سەكتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن

0 2012-10-10 11:33:28   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      ئەنگىلىيە ۋە نورۋىگىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار دائىم ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە قان كەملىك خاراكتېرىدىكى مېڭە سەكتىسىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى، بۇ خىل مېۋىلەرنى ئاساسەن ئىستېمال قىلمايدىغانلاردىن %19 تۆۋەن بولىدىكەن. ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مېۋە - چېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا سەكتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدۇ، بۇ ئېھتىمال ئۇلاردىكى فلاۋونسىمان ماددىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، ئەمما زادى قايسى تۈردىكى فلاۋونسىمان ماددىلار رول ئوينايدىغانلىقى تەتقىقاتچىلارغا تېخىچە ئېنىق بولمىغانىدى. بۇ قېتىم تەتقىقاتچىلارنىڭ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىشىچە، سەكتە بولۇش - بولماسلىقنىڭ فلاۋونسىمان ماددىلارنىڭ ئومۇمىي قوبۇل قىلىنىش مىقدارى بىلەن باغلىنىشى بولمايدىكەن، فلاۋانوننى كۆپ قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ سەكتىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بۇ خىل ماددىنى ئاز قوبۇل قىلغانلاردىن %19 تۆۋەن بولىدىكەن. ئادەتتە %95 فلاۋانون ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەردىن كېلىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر