ناشتىدىكى تاتلىق يېمەكلىكنىڭ ئورۇقلاشقا ياردىمى بولىشى مۇمكىن

0 2012-10-10 11:32:44   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      كىشىلەر ئورۇقلاۋاتقان مەزگىلدە دائىم تاتلىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتىدۇ، بىراق ئىسرائىلىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ناشتىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى 600 كالورىيە بولسا ھەمدە ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقى ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئاقسىل ۋە كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شاكىلاتلىق  تورت قاتارلىق تاتلىق يىمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا، ئورۇقلاشقا ياردىمى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئورۇقلاش ئۈنېمىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقىمۇ ياردىمى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئورۇقلاش مەزگىلىدە ئۇزۇن مۇددەت تاتلىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇلسا، خۇددى زەھەر چەككۈچىلەر زەھەرگە تەشنا بولغاندەك، كونتروللۇق يوقۇلۇپ تاتلىق يېمەكلىكلەرگە قارىتا ‹پىسخىكىلىق خۇمار› پەيدا بولىدىكەن. ئەگەر ناشتىغا مۇۋاپىق مىقداردا تاتلىق يېمەكلىكلەر قوشۇلسا، پىسخىكىدىكى تاتلىق يېمەكلىك تەشنالىقى كونترول قىلىنىپ قالغان ۋاقىتلاردا تاتلىق يېمەكلىكلەرگە ئانچە تەشنا بولمايدىكەن. ھەر قېتىملىق تاماقنىڭ ئالدىدا ئادەم تېنىدىكى ئۆستۈرگۈچى ھورمون (ئاچلىق ھورمونى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ قويۇقلىقى ئېشىپ كېتىدىكەن، بولۇپمۇ ناشتىدا ئۆستۈرگۈچى ھورمون ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىنسا، قالغان ۋاقىتلاردىكى ئاچلىق تۇيغۇسى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر