ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئادەم مېڭىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ ئىجاتچانلىق، تەدبىر بەلگىلەش ۋە بىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە تاشقى كېسەل دوختۇرلىرىنىڭ كۆزى بىلەن قولىنىڭ ماسلىشاشچانلىقى ۋە شوپۇرلارنىڭ كېچىدە ماشىنا ھەيدەش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتىرىدىكەن. بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، توغرىلىق دەرىجىسىدىن مەھرۇم بولمىغان ئەھۋالدا ھەرىكەت تۈرىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنلارنى ئوينايدىغانلارنىڭ تەدبىر بەلگىلەش سۈرئىتى باشقىلارنىڭكىدىن %25 تېز بولىدىكەن. باشقا بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەڭ پىششىق ئويۇننى ئوينىغۇچىلار ھەر سېكۇنتتا ئەڭ تېز بولغاندا 6 قېتىم تاللاش ھەم ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈپ، سۈرئىتى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ 4 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. پىششىق ئويۇننى ئوينىغۇچىلار يەنە بىرلا ۋاقىتتا 6 ئىشقا ئارىلاشتۇرىۋەتمەي دىققەت قىلالايدىكەن، كۆپ سانلىق كىشىلەر بولسا بىرلا ۋاقىتتا پەقەت 4 ئىشقىلا دىققەت قىلالايدىكەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ