گىلاس قول - پۇت مۇزلاشقا داۋا قىلىدۇ

0 2012-10-10 11:30:57   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      گىلاس ئاچچىق - چۈچۈك، يېيىشلىك بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى.
      تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ھەر 100 گىرام گىلاستا 59 مىللىگىرام تۆمۈر بولۇپ، مېۋىلەر ئارىسىدا گىلاستىكى تۆمۈر مىقدارى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت تەركىبىدىكى ۋىتامىن A ئالما، ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ 5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. گىلاستا تۆمۈر ماددىسى مول بولغاچقا، مىجەزنى تەڭشەيدىكەن. پۇت - قوللىرى مۇزلايدىغان، تېنى ئاجىز، بەل - پۇتلىرى سوغۇقتىن ئاغرىيدىغانلار كۆپرەك يەپ بەرسە بولىدىكەن. ئۇنىڭ يەنە تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بولۇپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى كېسەللىكلەرگە شىپا قىلىدىكەن.
      گىلاسنى يېيىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى 20-30 سېكۇنت تۇز سۈيىگە چىلاپ، ئىككى قېتىم يۇيۇپ يېيىش، لېكىن يۇيغاندا يەڭگىلرەك سىيلاپ يۇيۇش لازىم. چۈنكى ئۇنىڭ پوستى نېپىز، ئاسان يېرىلىپ كېتىدۇ، يېرىلىپ كەتسە ئوزۇقلۇقى ئېقىپ كېتىدۇ ھەم ئاسانلا سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
      گىلاسنى ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن، ئۆپكىسى ئىششىپ يۆتەلگەنلەر ئاز يېيىشى، شېكەر تەركىبىمۇ مول بولغاچقا، دىيابىت ئاغرىقلىرى ئازراق يېيىشى، ئادەتتىكى ئادەملەر كۈنىگە بىرقانچە تال يەپ بېرىشى كېرەك، بەك كۆپ يەۋەتسە ئاشقازاننى بىئارام قىلىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر