ئاسپىرانت ئاپتورلار توپى بىلەن پەن - تېخنىكا قەرەللىك ژۇرناللىرى ئارىسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش توغرىسىدا

0 2012-09-19 12:35:27   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      ئېلىمىزدە ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئاسپىرانتلىق مائارىپىدا ئۇچقاندەك تەرەققىيات قولغا كەلتۈرۈلدى. 1998 - يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 72 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، 2003 - يىلى 270 مىڭ نەپەرگە يەتتى، 2006 - يىلى ئېشىپ 400 مىڭ نەپەر بولدى. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ‹دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات پىلانى ئاساسىي مەزمۇنى 2020-2010 - يىللىق› نىڭ نىشانى 10 يىل ئىچىدە ئاسپىرانتلىققا 600 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچىنى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش بولۇپ، 2015 - يىلى ئوقۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ئاسپىرانتلار سانىنى 1 مىليون 700 مىڭ نەپەرگە، 2020 - يىلى 2 مىليون نەپەرگە يەتكۈزۈش پىلانلانماقتا. نۆۋەتتە مۇنداق غايەت زور ئاسپىرانتلار قوشۇنىدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن ئىلگىرى ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلىش قەتئىي تەلەپ قىلىنىۋاتقاچقا، ئاسپىرانتلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى پەن - تېخنىكا قەرەللىك ژۇرناللىرىغا يۈزلىنىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاسپىرانت ئاپتورلار توپىدىن ئىبارەت پەۋقۇلئاددە ئاپتورلار توپى بارلىققا كەلدى ھەم شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈرلۈك ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلىدى. شۇڭا پەن - تېخنىكا قەرەللىك ژۇرناللىرى ئاسپىرانت ئاپتورلار توپىغا يېتەرلىك ھالدا دىققەت - ئېتىبارىنى قارىتىشى كېرەك.
      بۇ ماقالىدە ئاسپىرانتلاردىن ئىبارەت بۇ ئاپتورلار توپىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قانداق قېزىش ۋە ئۇنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىدىن قانداق پايدىلىنىش توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارماقچىمەن. بۇنىڭ مۇنەۋۋەر ئاپتورلار قوشۇنىنى قۇرۇشقا پايدىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە پەن - تېخنىكا قەرەللىك ژۇرناللىرىنىڭ ئىلمىيلىكلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ژۇرنالنىڭ تەسىر كۈچىنى زورايتىدۇ.
      بىرىنچى، ئاسپىرانت ئاپتورلار توپىنى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكى
      بىر پارچە يۇقىرى سۈپەتلىك ئىلمىي ماقالىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا تارقىتىلىدىغان پەن - تېخنىكا قەرەللىك ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىشى ئاسپىرانتلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات جەريانىدىكى ئىجتىھاتى ۋە بىلىم سەۋىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، پەن - تېخنىكا قەرەللىك ژۇرناللىرىمۇ ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدىغان بۆشۈك ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇنلىغان پەن تەتقىقات ئۇستازلىرى ئىلمىي تەتقىقات يولىنى تۇنجى ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلىشتىن باشلىغان ھەم بۇ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەلگۈسى تەتقىقات يولىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان.
      ئاسپىرانت ئاپتورلار توپىنى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك:
      1. ئاسپىرانتلارنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى قوغداش كېرەك
      ئاسپىرانتلار ياش، ئىدىيەسى جانلىق، دادىللىق بىلەن ئىزدىنىش ۋە ئېچىش روھىغا ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئىلمىي ماقالىسىمۇ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەستايىدىل يېتەكلىشى ئارقىلىق يېزىپ چىقىلغان. شۇڭا بىر قىسىم ئاسپىرانتلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى بىرقەدەر يۇقىرى ئىلمىيلىققا ۋە ئىجادىيلىققا ئىگە. بۇ نۇقتا »ئەخلەت« ماقالىلار قاپلاپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئىنتايىن قىممەتلىك. پەن - تېخنىكا قەرەللىك ژۇرنال مۇھەررىرلىرى ‹دېغى بولسىمۇ يەنىلا قاشتاش› دېگەن نۇقتىئىينەزەرنى چوڭقۇر چۈشىنىشى، ئالتۇننىڭ قەدرىگە يېتىدىغان ھەم پارقىراق قاشتېشىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئويۇپ ياسىيالايدىغان روھقا ئىگە بولۇشى، ئىجادىيلىققا ئىگە بولغان ئىلمىي ماقالىلارنى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشى كېرەك.
      2. ئاسپىرانتلاردا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش روھىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك
      ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش روھى ئىلغار پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ كاپالىتى. نۆۋەتتە، ئاسپىرانتلار مەتبۇئاتقا ئەۋەتىۋاتقان ماقالىلاردىن شۇنى بايقاشقا بولىدۇكى، قىسمەن ئاپتورلارنىڭ ئۆگىنىش ئىستىلىدا يېنىكلىك مەۋجۇت بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ باش - ئايىقى ئۆزئارا زىت بولۇش، مۇھىم سان - سېفىرلار ۋە بىرلىكلەر توغرا بولماسلىق، خاتا يېزىلىپ قالغان خەتلەر بىرقەدەر كۆپ بولۇش، پىرىنتېردا خاتا بېسىلىپ چىقىش، ھەتتا بىر قىسىم ساۋات خاراكتېرلىك خاتالىقلار كۆرۈلۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. پەن - تېخنىكا قەرەللىك ژۇرنال مۇھەررىرلىرى بۇنداق مەسىلىلەرنى بايقىغاندا، ئاسپىرانت ئاپتورلارنى توغرا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىزدىنىدىغان ئۆگىنىش ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.
      3. ئاسپىرانتلارنىڭ ئىلمىي ماقالە يېزىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك
      كۆپلىگەن ئاسپىرانت ئاپتورلار مەتبۇئاتقا تۇنجى قېتىم ماقالە بەرگەندە، ئىلمىي ماقالە يېزىشنىڭ تەلەپ - ئۆلچەملىرىنى بىلىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ماقالىلىرىدا تېما زىيادە ئۇزۇن بولۇپ كېتىش، ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە ياكى ئېنگىلىزچە - ئۇيغۇرچە قىسقىچە مەزمۇنلار پۈتۈن ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەسلىك، پايدىلانمىلىرى توغرا ۋە ئۆلچەملىك بولماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا پەن - تېخنىكا قەرەللىك ژۇرنىلى مۇھەررىرلىرى ئاسپىرانتلار ئۈچۈن ئىلمىي ماقالە يېزىقچىلىق دەرسى ياكى كۇرسىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، قەرەللىك ھالدا دەرس بېرىش ئارقىلىق ئاسپىرانتلارنىڭ يېزىقچىلىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك.
      4. ئاسپىرانتلارغا قارىتا ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك
      نۆۋەتتە، قىسمەن ئاسپىرانتلاردا بىر پارچە ئىلمىي ماقالىنى كۆپلىگەن ژۇرناللارغا بېرىش، ئىمزاسى ھەقىقىي بولماسلىق، باشقىلارنىڭ ماقالىسىنى ئوغرىلىۋېلىشتەك ناچار ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ، تۈپ سەۋەبى يەنىلا ئاسپىرانتلارنىڭ ئۆگىنىش ئىستىلى ناچار، ئىلمىي تەتقىقات ئەخلاق قارىشى ئاجىز بولۇشتىن ئىبارەت. ئاسپىرانتلارنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى جەھەتتە، پەن - تېخنىكا قەرەللىك ژۇرنىلى مۇھەررىرلىرى تەشۋىقات، ئاگاھلاندۇرۇش، ئەسكەرتىش قاتارلىق فۇنكسىيەلەرگە ئىگە بولۇپ، ئاسپىرانتلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلمەيدىغان، تەتقىقاتتا يېنىكلىك قىلمايدىغان، باشقىلارنىڭ ماقالىلىرىنى ئوغرىلىمايدىغان ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. بىرقاتار تۈزۈملەرنى بەلگىلەپ، مۇناسىپ چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىقمۇ ئاسپىرانت ئاپتورلارنىڭ نامۇناسىپ قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ئاپتورلارنى ئىمزا قويدۇرۇش، ئىلمىي ماقالىلارنى ئاپتوماتىك ئىزدەپ تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، پەن - تېخنىكا قەرەللىك ژۇرنىلى تەھرىراتى بىلەن ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلەش ئورۇنلىرى ھەمكارلىق ئورنىتىش قاتارلىقلار.
      ئىككىنچى، ئاسپىرانتلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىشى زۆرۈر
      ئاسپىرانتلاردىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ئاپتورلار توپىنىڭ ئۆزگىچىلىكى يەنە ماقالىنىڭ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنىش مۇددىتىنىڭ قىسقا بولۇشىغا قويۇلىدىغان تەلەپنىڭ يۇقىرىلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا پەن - تېخنىكا قەرەللىك ژۇرنىلى مۇھەررىرلىرى بۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتۇپ، تەھرىرلەپ پىششىقلاش مۇددىتىنى ئامالنىڭ بېرىچە قىسقارتىپ، پەۋقۇلئاددە ئىشنى پەۋقۇلئاددە ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
      پەن - تېخنىكا قەرەللىك ژۇرنىلى مۇھەررىرلىرى ئاسپىرانت ئاپتورلار بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدا ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ باراۋەر مۇئامىلە قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ماقالە كۆرۈش ۋە تەھرىرلەپ پىششىقلاش مۇددىتىنى قىسقارتىش ئۈچۈن، ئۇلاردىن ماقالىنى تەھرىرات بۆلۈمىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە يېزىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا بىر تۈركۈم ئىلغار ئىلمىي تەتقىقات خادىملىرى يېتىشىپ چىقىپلا قالماستىن، يەنە مۇنەۋۋەر پەن - تېخنىكا قەرەللىك ژۇرناللىرىمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدۇ.
      ئۈچىنچى، كۆپ خىل رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش
      پەن - تېخنىكا قەرەللىك ژۇرناللىرى تەھرىراتلىرى كۆپ خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، مۇنەۋۋەر ئاسپىرانت ئاپتورلارنى ماقالە ئەۋەتىشكە كۆپرەك جەلپ قىلىشى ھەمدە مۇناسىپ ھالدا مۇكاپاتلاپ رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. ھازىر كۆپ ساندىكى تەھرىراتلار نادىر ئىلمىي ماقالىلارنى مۇكاپاتلاش تۈرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق يۇقىرى ئىلمىيلىققا ئىگە بولغان مۇنەۋۋەر ماقالىلارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەگەر ھەربىر پەن - تېخنىكا قەرەللىك ژۇرنىلى تەھرىراتىدا مۇنەۋۋەر ئاسپىرانتلار ئىلمىي ماقالىلىرىنى مۇكاپاتلايدىغان مەخسۇس مېخانىزىم قۇرۇلسا، ئۇ ھالدا ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تۈجۈپىلەپ يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ژۇرنالنىڭ ئىلمىيلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتىرىپ، تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپلا قالماستىن، يەنە ئاپتورنىمۇ كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇتۇپ، تېخىمۇ ئىجتىھات بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلەيدۇ. قىسقىسى، ئاسپىرانت ئاپتورلار قوشۇنى بىلەن پەن - تېخنىكا قەرەللىك ژۇرناللىرى ئۆزئارا زىچ باغلانغان بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئىككىلا تەرەپكە مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر