ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردە ئالەمشۇمۇل مۆجىزىلەرنى يارىتىپ، ئېلىمىزنىڭ ۋە دۇنيانىڭ مەدەنىيەت غەزىنىسىنى بېيىتىشقا تېگىشلىك ھەسسە قوشقان قەدىمى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك سەنئەت تارىخىدا كۆپ خىل چالغۇ ئەسۋابلارنى ئىقتىرا قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆزىگە خاس مۇزىكا مەدەنىيىتىنى ياراتقان. داپ بولسا ئەنە شۇ مەدەنىيەتنىڭ بىر گەۋدىسىدۇر.
ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ تەركىبىدە ئۇرغۇ ئەسۋابلار ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. بولۇپمۇ چېلىنىش ئىمكانىيىتىنىڭ كۆپلىكى، ھەر خىل رېتىملارغا بايلىقى بىلەن ھەممە جايلاردا چېلىشقا بولىدىغان ئەنئەنىۋى ئەسۋابىمىز دەل داپتۇر.
بۇ ئەسۋاب ياغاچنى گەردەش، ئىگىش، تېرە تارتىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. مىڭ يىلدىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان فارفىيان بوينىنى بىزنىڭ داپلىرىمىزنىڭ ئەۋلادى دېيىشكە بولىدۇ. ھەممىمىزگە ئايانكى، داپنىڭ شەكلى تولغان ئايغا ئوخشاش بولۇپ، گەردەشتىكى ھالقىلىرىمۇ شۇنداق، بۇنىڭدىن شۇنداق بىر خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى داپ ئەجداتلىرىمىزنىڭ قەدىمقى ۋاقىتلاردىكى ئاي ۋە كۈنلەرنى مۇقەددەس بېلىپ چوقۇنۇش ئەقىدىسىنىڭ چالغۇ ئەسۋابلىرىدىكى ئوبرازلىق ئەكىس ئېتىشى خالاس.
ئادەتتە داپنىڭ گەردىشى ئەسلى ئۈژمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. چۈنكى ئۈژمە ياغىچى چىداملىق ۋە ھەر خىل ئاۋاز چىقىرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، شۇڭا كۆپ ساندىكى مۇزىكا ئەسۋابلىرى ئۈژمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. داپنىڭ ئومۇمىي دىيامېتىرى 42-45cm بولىدۇ. گەردىشىنىڭ تېرە تارتىش ئارىلىقى 4-6cm بولۇشى كېرەك. گەردىشىنىڭ قېلىنلىقى 2cm-1.8 بولىدۇ. يۈزلىكى ئۆچكە، ئات، يىلان قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىدىن تارتىلىدۇ. داپنىڭ گەردىشى قائىدە بويىچە ئايرىم - ئايرىم تەييارلىنىپ، بىر - بىرىگە جىپسىلاشتۇرۇلۇپ يېپىشتۇرۇلىدۇ. يۇقىرىقى ئۇسۇل بىلەن ياسالغاندا ئۆلچەملىك، سىپتا تەكشى ئېگىلىپ سىلىق ياسىلىدۇ. گەردىشىنىڭ ئۇلاقلىرىغا ئۇستىخاندىن چىرايلىق نەقىشلەر قويۇلىدۇ.
بىز ئادەتتە داپ گەردىشىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، ھالقىلىرىنىڭ بېكىتىلىشىگە، شۇنداقلا ئېغىرلىقىغا قاراپ داپنى تۆۋەندىكىدەقك ئۈچ تۈرگە ئايرىيمىز:
.1 چوڭ داپ (پىرە داپ يەنى پىرە - باخشىلارنىڭ دېپى45-50 cm ) سالماقلىق، تېرىسى قېلىن، گەردىشى تومراق، ھالقىلىرىمۇ يوغان كېلىدۇ. بۇ خىل داپنى چېلىشتا رېتىملىق سان - قائىدىلەر ساقلانمايدۇ، ئۇنىڭ ئالاھىدە چېلىش ئۇسۇللىرى ۋە شەكىللىرى بار.
.2 ئارا داپ (ئوتتۇرا داپ)، 38-45 cm سالماقلىق، بۇ خىل داپ كۆپ ھاللاردا يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل ئويناشتا ھەم ئۇسسۇللۇق ئاھاڭلار ۋە خەلق ناخشىلىرىغا چېلىنىدىغان مۇزىكىلاردا تەڭكەش قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇسسۇل ئوقۇتۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئالاھىدە ۋاسىتە ھىسابلىنىدۇ.
.3 كىچىك داپ )ئادەتتە نەغمە داپ ئاتىلىدۇ25-30 cm ( سالماقلىق، سىپتا، تېرىسى (يۈزلىكى) نېپىز، گەردىشى پارچە -پارچە جىپسىلاشقان 40-45 دانە ھالقىلار ئېسىلىپ ياسىلىدۇ. چېلىش ئۇسۇلى بولسا مۇكەممەللەشكەن نۇرغۇنلىغان كىلاسسىك ناخشا - ساز قائىدىلىرى بىلەن مەلۇم رىتىمغا قەتئىي رىئايە قىلىدۇ. بۇ داپنىڭ ئاۋازى نەغمىچىلەر، غەزەلچىلەر قوللىرىدىكى دۇتتار، تەمبۇر، غىجەك، نەي، چاڭ ۋە راۋاپ قاتارلىق سازلار بىلەن ئالاھىدە ماسلاشتۇرۇپ تەڭكەش قىلىنىدۇ.
داپ باشقا مۇزىكا ئەسۋابلىرىدەك پەردىلىك قۇلاقلىق بولمايدۇ، ئۇنىڭ يۈزلىكى مەلۇم گىرادۇستىكى ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق چىڭىتىلىدۇ، شۇڭا داپنى قۇرغاق، بىر خىل تېمپېراتۇرىلىق جايدا ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. داپ ھەرقانداق جايدا ئۆرە تۇرۇپ ياكى ئولتۇرۇپ، ھەتتا ئېڭىشىپ تۇرۇپ چېلىشقىمۇ بولىدىغان بىر خىل چالغۇ ئەسۋابىدۇر. داپ چېلىشتا داپنى تۇتۇش ئالاھىدە مۇھىم، ئىككى قولنىڭ بېغىشى ۋە يۇقىرى بەدەننىڭ ئەركىن تۇتۇلۇشى، ئوڭ سول قولنىڭ ئارلىقى 25-30cmبولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. قولنىڭ بارماقلىرىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى تەلەپ قىلىنغاچقا، كۆپىنچە ھاللاردا ئەرلەر چالىدۇ. داپ ئۇيغۇر مۇقاملىرىدا، مەشرەپلىدە ئىشقىلىپ ھەرقانداق ناخشا - مۇزىكىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل مۇزىكا ئەسۋابى ھېسابلىنىدۇ، داپسىز چېلىنغان ئاھاڭ ئاھاڭ ھېسابلانمايدۇ، ھەتتا ئۇنىڭسىز بەلگىلىك تەسەۋۋۇرنى ھېس قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
داپنى چېلىشتا ئوڭ قول ئارقىلىق ›دۇم›، ‹تاڭ› ۋە ‹تاك› تىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئاۋاز چىقارغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىككى خىل ئاۋاز ئۆز ئالدىغا، چوڭ دۈم، كىچىك (يەڭگىل)دۈم، چوڭ تاڭ، كىچىك (يەڭگىل) تاك بولۇپ بۆلىنىش ئارقىلىق ئوڭ سول قول بىلەن تۆت خىل ئاۋاز ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ئوڭ قولنىڭ2-،3-،4-،5- بارماقلىرىنى بىرىكتۈرۈپ ئالقان بىلەن داپنىڭ يۈزلىكىنىڭ ئوتتۇرسىغا ئۇرغاندا »چوڭ دۈم« چىقىدۇ. بارماقلارنىڭ ئارلىقىنى تەبىئىي ئېچىپ داپنىڭ ئوتتۇرسىغا ئۇرۇلسا »تاڭ« ئاۋاز چىقىدۇ. ئوڭ قولنىڭ ئوتتۇرانچە بارماق بىلەن گەردىشنىڭ يېنىغا ئۇرۇلسا ‹تاك› ئاۋاز چىقىدۇ.
داپتىن چىققان تۆت خىل ئاۋازنى يۈكسەك كەسپى چېلىشلار بىلەن بېيىتىش ئۈچۈن قول ئۇرۇش ھەركەتلىرىنىڭ چېۋەرلىكى، بارماقلارنىڭ چاققان چېكىلىشى ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ ھال داپتىن چىققان ھەر خىل ئاۋازلارنى بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە قىلىدۇ.
داپ چېلىشتا مەيلى داپ ھەۋەسكارى ياكى مۇتەخەسسىس بولسۇن، ھەرقانداق چېلىنغان ساز نەغمىنىڭ رىتىملىق سۈرئىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك. داپ رىتىمى ھەرقانداق ۋاقىتتا باشقا سازلارنىڭ رىتىمىنى تىزگىنلەيدۇ. باشقا سازلار ئىچىدە داپ قوماندانلىق رولىنى ئوينايدۇ، قىسمەن ئەھۋاللاردا بەزىبىر سازلارنىڭ چېلىش جەھەتتىكى نۇقسانلىرىنى داپ رىتىمى بېسىپ كېتىپ مۇزىكا ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، شۇڭا خەلقىمىز ئىچىدە ‹داپ، باشقىلارنىڭ ئەيىپىنى ياپ› دېگەن ھېكىمەت بىكار تارقالغان ئەمەس.
ھەمبەھىرلىنىڭ