ئالىي مەكتەپ ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئالىي مەكتەپ كۇتۇپخانىسىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا

0 2012-09-19 12:30:26   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىش ۋە بىلىم قۇرۇلمىسىنى يېڭىلاپ تۇرۇش زۆرۈرلىكىنى، پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا دۇچ كەلگەن ھەرقانداق خىرىسنى يېڭىپ، جەمئىيەتتە ئۆزىگە تېگىشلىك ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە بولالايدىغانلىقىنى ھەم جەمئىيەتكە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشالايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. شۇ سەۋەبتىن بىلىم سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش كىشىلەر ئېڭىدىكى مۇھىم يۈزلىنىش بولۇپ قالدى. ئىزدەنگۈچى ۋە ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ تۈركۈملەپ كۆپىيىشى بىلەن زور ئوقۇرمەنلەر قوشۇنى مەيدانغا كېلىپ، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ۋە كۇتۇپخانىلارغا يۈرۈش قىلدى. بۇ زور قوشۇننىڭ ئىزدىنىش ۋە ئىلگىرىلەش ئېھتىياجى سەۋەبىدىن، ئۇلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا نۇرغۇن كۇتۇپخانىلار قۇرۇلدى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىغا مۇناسىپ كەسىپلەر يولغا قويۇلدى. بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ كۇتۇپخانىلىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇرمەنلىرىنىڭ پەننىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى تۈرلۈك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى غەلىبىلىك ھالدا پۈتتۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھاياتلىق مۇساپىسىدىكى ئۇنتۇلماس گۈزەل ئەسلىمىگە ئايلاندى. تۆۋەندە مەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئالىي مەكتەپ كۇتۇپخانىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى يۈزەكى قاراشلىرىمنى كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن:
      1. ئالىي مەكتەپ ئوقۇرمەنلىرى
      ئوقۇرمەن  ئوقۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ھەمدە ساقلىنىۋاتقان ھۆججەتلەردىن پايدىلىنىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جەمئىيەت ئەزالىرىدۇر. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ۋە قىزىقىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجى، ئىزدىنىش يۈزلىنىشى، ئۆگىنىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئوقۇرمەنلەر كەڭ مەنىدىكى ئوقۇرمەنلەر ۋە تار مەنىدىكى ئوقۇرمەنلەردىن ئىبارەت ئىككى كاتاگورىيەگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇرمەنلىرى تار مەنىدىكى ئوقۇرمەنلەر كاتاگورىيەسىگە تەۋە بولىدۇ. ئۇلار ئوقۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ھەمدە كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان ھۆججەتلەردىن پايدىلىنىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار قوشۇنىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇنداق ئوقۇرمەنلەر قوشۇنى كەسپىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئوقۇرمەنلەر قوشۇنى ھېسابلىنىدۇ.
      ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى ئوقۇرمەنلەر قوشۇنى بولسۇن ياكى ئوقۇغۇچى ئوقۇرمەنلەر قوشۇنى بولسۇن، ئۇلارنىڭ مەقسەت - مۇددىئاسى ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىشنى نىشان قىلغان بولىدۇ. بۇنداق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجى كۇتۇپخانىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تەسىر كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئوقۇرمەنلەر سانىنىڭ كۆپ، ئىزدىنىش دائىرىسىنىڭ كەڭ، ئېھتىياجنىڭ يۇقىرى بولۇشى يالغۇز كۇتۇپخانا مۇلازىمىتىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە ئۇچۇر - ھۆججەت ماتېرىياللىرىنىڭ تۈرى، سانى، مەزمۇنى قاتارلىقلار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
      2. ئالىي مەكتەپ كۇتۇپخانىسى
      كۇتۇپخانا  ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلى. كۇتۇپخانا ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن ئۇچۇر - ھۆججەتلەر جۇغلانمىسىنى ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈش، ئۇلارنىڭ پايدىلىنىشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئورگاندۇر. كۇتۇپخانا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپلەپ مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇرمەنلەرگە بولغان مۇلازىمىتى ۋە شەكىل جەھەتلەردە ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ.
      ھەممىگە مەلۇمكى، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ۋە ئىلىم - پەن تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كۇتۇپخانا شەكىللىرىدە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ھەر خىل تىپتىكى كۇتۇپخانىلار مەيدانغا كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلەرنىڭ كۇتۇپخانىغا بولغان تونۇشىمۇ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ بارماقتا.
      ئالىي مەكتەپ كۇتۇپخانىسى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ۋە پەن تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىلمىي ئورگان ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغاچقا، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
      ئالىي مەكتەپ كۇتۇپخانىلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئوبيېكتى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن ئىبارەت. بۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى بىرقەدەر تەكشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجى ئوقۇتۇش پائالىيىتى بىلەن پەن تەتقىقات قەدىمىنىڭ ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرغانلىقتىن، ئوقۇش ئېھتىياجى روشەن قانۇنىيەتكە ئىگە بولىدۇ.
      ھەممىمىزگە شۇ نۇقتا ئايانكى، كۇتۇپخانىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇلازىمىتى ئوقۇرمەنلەر قوشۇنىنى بېيىتقۇچى كۈچتۇر. ئوقۇرمەنلەر قوشۇنىنىڭ زورىيىشى كۈتۈپخانا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىدۇر.
      ئوقۇرمەنلەر ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكىسىدە ئالىي مەكتەپ كۇتۇپخانىلىرى ئىلگىرىكى بىرنەچچە يۈز كىۋادراتلىق ئىشخانىلاردىن نەچچە مىڭ كىۋادراتلىق بىنالارغا، ئەسلىدىكى بىرنەچچە مۇلازىمەت تۈرىدىن نەچچە ئون تۈرگە، تار دائىرىدىكى ماتېرىيال ساقلاشتىن كەڭ دائىرىدىكى ماتېرىيال ساقلاشقا، ئاددىي مۇلازىمەت شەكلىدىن ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك تورلاشقان مۇلازىمەت شەكلىگە تەرەققىي قىلدى.
      كۇتۇپخانا ئىشلىرى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. كۇتۇپخانا جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇر تۈگۈنى ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆمۈرلۈك مەكتىپى، شۇنداقلا پەن - مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي كۈچى. كۇتۇپخانىنىڭ تەرەققىياتى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىنلىقىغا مۇھتاج. ھالبۇكى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۇتۇپخانىغا نىسبەتەن قىزغىنلىقى بولسا كۇتۇپخانىدىكى كىتاب - ماتېرىياللارنىڭ موللىقى ۋە خىلمۇ - خىللىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا كۇتۇپخانا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا چوقۇم كىتاب - ماتېرىياللارنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىشكە ۋە يېڭىلاپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
     

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر