2012 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن بۇرۇن، قازاقىستان پۇلى تىيىن 1 تەڭگە 100 تىيىنغا تەڭ ئوبوروتتىن توختىتىلىدۇ، زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ مۇناسىۋەتلىك پەرماننى ئىمزالاپ بولدى.
نەزەربايېۋ 2001 - يىلى 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئىمزالىغان قازاقىستاننىڭ دۆلەتلىك پۇل فونكىسىيەسىگە ئائىت مەسىلىلەر نىڭ 549 - نومۇرلۇق ھۆججىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەزمۇنغا ئاساسەن، 2012 - يىلىدىن كېيىن تىيىن ئوبوروت قىلىنمايدۇ.
نۆۋەتتە، قازاقىستاندا ئوبوروت قىلىنىۋاتقان تەڭگە پۇلدىن 2 تىيىن، 5 تىيىن، 10 تىيىن، 20 تىيىن، 50 تىيىن، 1 تەڭگە، 3 تەڭگە، 5 تەڭگە، 10 تەڭگە ۋە 20 تەڭگە قاتارلىقلار بار. 1993 - يىلىدىن كېيىن بۇ تەڭگە پۇللار ئاساسىي جەھەتتىن ئىشلەپچىقىرىلمىدى، ئەمما يەنىلا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. 14 مىڭ 800 تىيىننى 1 ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ