‹‹ئەتىيازلىق مۈگدەش›› نىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە ئۇنى يېڭىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىلىرى توغرىسىدا

0 2012-08-23 12:02:12   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      ئەتىياز كېلىشى بىلەنلا، بولۇپمۇ ئەتىياز پەسلىنىڭ چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتلىرىدا كىشىلەر ئاسانلا مۈگدەپ قالىدۇ. بۇنداق مۈگدەپ ماغدۇرسىزلىنىش، كۆز تورلىشىپ باش قېيىش، روھى تۆۋەن بولۇش ئالامەتلىرى تېبابەت ئىلمىدە ‹ئەتىيازلىق مۈگدەش› دەپ ئاتىلىدۇ. ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ‹ئەتىيازلىق مۈگدەش› باشنى ئاغرىتىدىغان مەسىلىدۇر.
      مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارايدۇ: ‹ئەتىيازلىق مۈگدەش› نورمال ھادىسە بولۇپ، كېسەللىك ئەمەس. ئۇ ئادەم تېنى فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنىڭ تەبىئىي پەسىل خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشى ۋە يۇقىرى - تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئالمىشىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان مۇناسىپ ھالدا تەڭشىلىدىغان بىر تۈرلۈك ۋاقىتلىق فىزىيولوگىيەلىك ھادىسىدۇر. ‹ئەتىيازلىق مۈگدەش›گەرچە كېسەللىك ھېسابلانمىسىمۇ، لېكىن ھارغىن روھىي ھالەت تۇرمۇش، خىزمەت ياكى ئۆگىنىشكە بەلگىلىك دەرىجىدە پايدىسىز تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ: ئەگەر يېمەك - ئىچمەك، يېتىپ - قوپۇش جەھەتتە مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىلسا، ‹ئەتىيازلىق مۈگدەش› تىن كېلىپ چىقىدىغان ھارغىنلىقنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
      ‹ئەتىيازلىق مۈگدەش› نىڭ پايدىسىز تەسىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك:
      .1 دالىغا چىقىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش
      جۇڭيى تېبابەتچىلىكى مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەپ قارايدۇ: قىش پەسلىدە ئادەم بەدىنى سوغۇق مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن، تەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلاپ، ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەيدۇ؛ تېرە ۋە مۇسكۇل قىل تومۇرلار جىددىي تارىيىش ھالىتىدە بولۇپ، ئورگانىزملارنىڭ تۇراقلىق تېمپېراتۇرىسىنى ساقلايدۇ ھەمدە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدىكى ئويغىتىش خاراكتېرلىك ئۇچۇر كۆپىيىدۇ، شۇڭا بۇ پەسىلدە كىشىلەرنىڭ كاللىسى بىرقەدەر سەگەك بولىدۇ. ھالبۇكى، ئەتىياز پەسلىدە بولسا تېمپېراتۇرا نورمال بولۇپ، تېرە ۋە مۇسكۇل قىل تومۇرلار بوشاپ كېڭىيىش ھالىتىدە بولىدۇ، قاننىڭ ئېقىشى ئاستىلايدۇ، مېڭىگە ئېقىپ كىرىدىغان قان مۇناسىپ ھالدا ئازىيىدۇ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدىكى ئويغىتىش خاراكتېرىدىكى غىدىقلىغۇچى ئۇچۇر ئاجىزلايدۇ، شۇڭا كاللىسى تۇتۇلۇپ مۈگدەپ قېلىشتەك »ئەتىيازلىق مۈگدەش« ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. بۇندىن باشقا، ئەتىياز پەسلىدە كۈندۈز ئۇزۇن كېچە قىسقا بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى نىسبەتەن قىسقىرايدۇ، ھەرىكەت مىقدارىمۇ قىش پەسلىدىكىگە قارىغاندا كۆپرەك بولىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ھەمىشە چارچاش ھېس قىلىدۇ.
      بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش ھارغىنلىقنى يوقىتىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارايدۇ: چېنىقىش مېڭىنىڭ ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىپ ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلىتىپ، »ئەتىيازلىق مۈگدەش« نىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالىدۇ. ئەتىياز پەسلىدە يېنىك ۋە ئاستا ھەرىكەت تۈرلىرىنى تاللاش كېرەك، مەسىلەن تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، رادىيو گىمناستىكىسى ئويناش، تەيجىچۈەن ئويناش قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دالىغا چىقىپ ئەتىيازلىق ساياھەت قىلغاندا ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالغىلى، چوڭ مېڭە پوستلاق ماددىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ، روھىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ. بۇندىن باشقا، سىرتقى مۇھىت پەيدا قىلىدىغان كۆرۈش سېزىمى ۋە يورۇقلۇقنىڭ مۇۋاپىق ھالدا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئادەم تېنىنىڭ ئىچكى رىتىمىنى ئۆزگەرتىشكە پايدىلىق بولۇپ، چوڭ مېڭە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى تېزدىن سەگەك ھالەتكە كىرگۈزۈپ، مۈگدەشنى ئۈنۈملۈك ھالدا يوقىتىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئەتىياز پەسلىدە دالىغا چىقىپ مۇۋاپىق ھالدا بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ئادەم تېنىدىكى نەپەسلىنىش سىستېمىسىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش فۇنكسىيەسى كۈچىيىپ، بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى دەۋرىيلىنىشنى تېزلىتىپ، چوڭ مېڭىنى تەمىنلەيدىغان ئوكسىگېننىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
      .2 يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ھالدا كۆپرەك ئىستېمال قىلىش
      مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: ھازىرقى زامان تېبابەتچىلىك تەتقىقاتىدا »ئەتىيازلىق مۈگدەش« ئادەم بەدىنىدە ئاقسىلنىڭ كەم بولۇشى، ئورگانىزملارنىڭ كىسلاتالىقى ئېشىپ كېتىشى ۋە ۋىتامىنلارنىڭ يېتەرلىك قوبۇل قىلىنماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا ئەتىياز پەسلىدە كىشىلەر يېمەك - ئىچمىكىنى تەڭشەپ، ئاقسىلنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشى، مەسىلەن: بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، تۇخۇ تۇخۇمى، كالا سۈتى، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، كالا - قوي جىگىرى، توخۇ گۆشى، خاسىڭ قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك. بۇندىن باشقا، يەنە ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، بەدەندىكى كىسلاتالىق ماددىلارنى نېيتراللاشتۇرۇش ئارقىلىق ھارغىنلىقنى تۈگىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋىتامىنلارنىڭ بەدەنگە يېتەرلىك قوبۇل قىلىنىشىغا ئېتىبار بېرىش كېرەك. چۈنكى ۋىتامىن C نىڭ ھۈجەيرىلەرنى ئۆزئارا يېپىشتۇرىدىغان ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىش رولى بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنى تولۇقلاش ۋە كۆپەيتىشكە زور ياردىمى بار؛ ۋىتامىن B نىڭ نېرۋا سىستېمىسى فۇنكسىيەسىنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن ساقلاش ۋە روھىي جىددىيلىكنى پەسەيتىش رولى بار. شۇڭلاشقا تەركىبىدە ۋىتامىنلار كۆپرەك بولغان يېمەكلىك ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ‹ئەتىيازلىق مۈگدەش› نىڭ تەسىرىنى تېزدىن يوقاتقىلى بولىدۇ. يەنە شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەككى، ئادەم بەدىنىدە سىنك كەمچىل بولسا، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە شەيئىلەرنى چۈشىنىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇڭا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، مەسىلەن قىزىل دېڭىز يۈسۈنى، لامىنارىيە (خەيدەي) قاتارلىق تەركىبىدە سىنك مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ھەپتىسىگە 1-2 قېتىمدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك.
      .3 تۇرمۇش رىتىمىنى ياخشى ئىگىلەشكە ئېتىبار بېرىش
      مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، دائىم تۈنەش، ئۇخلاش ۋاقتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇشتەك ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى »ئەتىيازلىق مۈگدەش« نىڭ ئالامەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەتىياز پەسلى كىرگەندە قىش كۈنلىرى يېتىلدۈرگەن تۇرمۇش ئادىتىنى مۇۋاپىق ھالدا تەڭشەپ، ئورگانىزملارنى ئەتىياز پەسلىدىكى ھاۋا كىلىماتقا ماسلاشتۇرۇش ‹ئەتىيازلىق مۈگدەش› نى يېڭىشنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىدىن بىرىكەن. بۇندىن باشقا، زىيادە تويۇپ ئوزۇقلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەككەن. ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكلىپى بويىچە، بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تاماقتا زىيادە تويۇنۇپ كەتمەسلىك، ئەڭ ياخشىسى بىر كۈندە 3-5 قېتىم ئاز - ئازدىن تاماقلىنىش كېرەككەن. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئاشقازان زىيادە كۆپۈپ، ئادەم ئوڭايلا مۈگدەپ قالىدىكەن.
      مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، »ئەتىيازلىق مۈگدەش« نىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئالامەتلىرى يەنە باشقا كېسەللىكلەرنىڭمۇ ئالامەتلىرى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، سەكتە كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى ‹ئەتىيازلىق مۈگدەش› نىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قان كەملىك خاراكتېرىدىكى سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ تەخمىنەن %80-%70 ىدە كېسەللىك قوزغىلىشتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى، مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن، ئەسنەش قاتارلىق ئۇيقۇسىراش ئالامەتلىرى كۆپ كۆرۈلىدىكەن. ئادەم بەدىنىدە كالىي كەم بولسا مۇسكۇل ئاجىزلىشىش ۋە پۇت - قول ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ‹ئەتىيازلىق مۈگدەش› نىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابىت كېسىلى قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ئەتىياز پەسلىدە كۆپ قوزغىلىپ، باش قېيىش ۋە كۆز تورلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. شۇڭا بۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ھامان ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۈزۈل - كېسىل تەكشۈرتۈپ داۋالىنىش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر