دەۋرىيلىك يېزا ئىگىلىك - چارۋىچىلىق تېخنىكىسى

0 2012-08-23 11:58:37   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      .1 ئوت - چۆپ ، كالا ، بېلىق ، ئوغۇت شەكلى: ياۋا ئوت - چۆپ، شال پاخىلى ياكى چارۋا ئوتىدىن پايدىلىنىپ كالا باققىلى بولىدۇ، كالا تېزىكى ئېچىغاندىن كېيىن بېلىق باققىلى بولىدۇ، ئاندىن يەنە بېلىق كۆلچىكىنى تازىلىغاندا كولاپ ئېلىنغان لاي بىلەن ئېتىزنى ئوغۇتلىغىلى بولىدۇ.
      .2 شاخ، كالا ۋە قوي، پاتقاق گازى  ئوزۇق قىلىنىدىغان زەمبۇرۇغ، سازاڭ قۇرتى، توخۇ ،ئوغۇت شەكلى: شاخ ئاممىياكلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن سىلوسلىنىپ ياكى ئاز ۋاقىت ساقلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، قوي ۋە كالىلارنى بېقىشقا بولىدۇ، قوي ۋە كالىلارنىڭ تېزىكى ھەم يەم - خەشەك قالدۇقىدىن پاتقاق گازى ھاسىل قىلىشقا ياكى ئوزۇق قىلىنىدىغان زەمبۇرۇغ يېتىشتۈرۈشكە بولىدۇ، ئوزۇق قىلىنىدىغان زەمبۇرۇغنى پۇرۇچ قىلىش ئارقىلىق سازاڭ قۇرتىنى كۆپەيتىپ توخۇ باققىلى بولىدۇ. توخۇ مايىقى، پاتقاق، پاتقاق گازى قالدۇقى ۋە سازاڭ قۇرتىنى بېقىش جەريانىدا قېپ قالغان ماددىلار بىلەن ئېتىزنى ئوغۇتلىغىلى بولىدۇ.

     قويلاردا تۇياق چىرىش كېسىلى كۆرۈلسە، چىرىگەن ئورۇننى %3-%2 لىك لىزول سۈيى بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن، ئازراق مىس سۇلفات پاراشوكىنى سېپىپ داكا بىلەن تېڭىپ قويۇش كېرەك. ئەگەر تۇياق چىرىش كېسىلى قوي پادىسىدا ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلسە، قوتان ئىشىكىنىڭ ئالدىغا سېمونتتىن ئازگال ياساپ، ئازگالغا %10-%8 لىك مىس سۇلفات ئېرىتمىسىنى قاچىلاپ 2-3 قېتىم ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك. كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولسا، دەرھال مال دوختۇرلىرىغا كۆرسىتىش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر