ئائىلە چارۋىلىرىدىكى ئۈششۈكنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش

0 2012-08-22 11:53:16   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   1.سۇڭپىياز غولىدىن بىر تال، سۇڭپىياز ئېقىدىن بەش تالنى قاينىتىپ تەييارلانغان دورىلىق سۇ بىلەن چارۋىلاردىكى يېنىك ئۈششۈك تەگكەن ئورۇننى يۇيۇش؛
     2.سەۋزىنى يۇمشىغىچە كۆيدۈرۈپ، پوستىنى ئۈششۈك تەگكەن ئورۇنغا چېپىش ياكى سەۋزىنى قاينىتىپ تەييارلانغان قىززىق سۇ بىلەن ئۈششۈك تەگكەن ئورۇننى يۇيۇش؛
     3. لازا شېخى ۋە بۇغداي مايسىسىنى قاينىتىپ تەييارلانغان دورىلىق سۇ بىلەن ئۈششۈك تەگكەن ئورۇننى يۇيۇش؛
     4. لازا غولىدىن 25 گىرام، پەمىدور غولىدىن 250 گىرامنى ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ تەييارلانغان قىززىق سۇنى ئۈششۈك تەگكەن ئورۇنغا ئەتىگەن ۋە كەچتە سۈرتۈپ بېرىش؛
     5. گىلىتسېرىن بىلەن ئىسپىرتنى تەڭ ئۈلۈشتە ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈششۈك تەگكەن ئورۇنغا سۈرتۈپ بېرىش؛
     6. كۈيە دورىسى، ئىسپىرت ۋە %0.25 لىك يودنى تەڭ ئۈلۈشتە ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈششۈك تەگكەن ئورۇنغا سۈرتۈپ بېرىش؛
     7.ۋازېلىندىن 200 گىرام، كۈنجۈت يېغىدىن 10 گىرام، ئىختىئولدىن 20 گىرام، كۈيە دورىسىدىن 2 گىرامنى ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ، ئۈششۈك تەگكەن ئورۇنغا مۇۋاپىق مىقداردا سۈرتۈپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئائىلە چارۋىچىلىقىدىكى ئۈششۈكنى داۋالاشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر