ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىغا قويۇلىدىغان تەلەپ ۋە ئاسراش توغرىسىدا مۇلاھىزە

0 2012-08-07 11:48:59   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      سۇ بايلىقى  ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى. كونكرېتنى قىلىپ ئېيتقاندا، سۇ بايلىقى بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مۇھىت ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدا ھالقىلىق رول ئوينايدىغان ئامىلدۇر. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرى ئەزەلدىنلا سۇ كەمچىل قۇرغاق رايون بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىلىمات ئىللىپ تېخىمۇ قۇرغاقلىشىپ كەتكەچكە، چۆل ۋە ھۆل - يېغىن مىقدارى تېخىمۇ ئازىيىپ، پارلىنىش مىقدارى ئېشىپ كەتتى، يەر ئۈستى ئېقىنلىرىنىڭ پارلىنىش ۋە سىڭىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىمۇ سۇغا نىسبەتەن ئېھتىياجنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىۋەتتى. ئۆستەڭلەرنى ئاسراپ باشقۇرۇش سۇغۇرۇش رايونلىرىدا ئومۇملاشقان بىر تۈرلۈك باشقۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۆستەڭلەرنى ياخشى ئاسراپ، لاي - لاتقىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئۆستەڭلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرىدۇر.
      بىرىنچى، ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىغا قويۇلىدىغان تەلەپ
      ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى سۇغۇرۇش رايونلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ، ئۆستەڭلەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىغا تۆۋەندىكىدەك تەلەپلەر قويۇلىدۇ:
      1. ئېھتىياج بويىچە يېتەرلىك ئېقىم مىقدارىنى سىغدۇرالايدىغان قىلىپ لايىھەلەش؛
      2. سۇ يۇيۇپ كەتمەسلىك، قۇم تىنىپ قالماسلىق، سۇ سىڭمەسلەشتۈرۈش تەلىپىنى ھازىرلىغان بولۇش؛
      3. ئۆستەڭ قاشلىرى مۇستەھكەم بىخەتەر بولۇش، ئۆستەڭدىكى سۇنى ئەڭ ئېگىز يۈزىگە ئەركىن باشلىيالايدىغان بولۇش؛
      4. ئۆستەڭدىكى كەلكۈن سۈيى، لاي - لاتقا، قاچقان سۇ، بۇلغانغان سۇ كىرىپ قالمايدىغان بولۇش؛
      5. ئۆستەڭنىڭ  مۇھىم قۇرۇلمىلىرىدىن توما، شاقىراتما، سەكرەتمە، دومنۇ، كۆچۈرمە، كۆۋرۈك، سۇ ئۆلچەش كۆۋرۈكى سۇ خاتىرىلەش رەيكىسى، خەتەرلىك جايلاردا مۇھاپىزەت تېمى ۋە رىشاتكىسى تولۇق بولۇش.
      ئىككىنچى، ئۆستەڭلەرنى ئاسراش
      ھەممىگە مەلۇمكى، ئۆستەڭنى ئاسراش ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمەت بولۇپ، ئۆستەڭلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:
      1. ئۆستەڭ ئىچىدىكى ئەخلەت، تىنىپ قالغان لاي - لاتقا، ئوت - چۆپلەرنى تازىلاش؛
      2. ئۆستەڭ قاشلىرىنىڭ بۇزۇلغان جايلىرىنى ۋاقتىدا رېمونت قىلىش، توندۇرما شەكلىدىكى ئۆستەڭدە كۆچەت تىكىشنى مەنئىي قىلىش، ئۆستەڭ ئەتراپىدا چارۋا بېقىش، ئورەك كولاش، يوچۇق ئېچىشنى چەكلەش؛
      3. ئۆستەڭ ئىچىگە مەينەت سۇ قويۇپ بېرىشنى ھەم تاشلاندۇق نەرسىلەر )ئەخلەت ۋە بۇلغىمىلار( نى تۆكۈشنى چەكلەش؛
      4. ئۆستەڭ ئىچىدە بېلىق بېقىش، پارتلىتىش ئېلىپ بارماسلىق؛
      5. ئۆستەڭلەرگە سۇ باشلىغاندا تەدرىجىي ئۇلغايتىش، بىراقلا باشلىماسلىق؛
      6. ئۆستەڭنىڭ ئەڭ چوڭ سۇ يۈزىگە ماس كېلىدىغان بىخەتەرلىك ئېگىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛
      7. ئۆستەڭلەرنىڭ كەلكۈن مۇداپىئەسى ۋە يار ئېلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۇ سىزىش ۋە توڭلاپ بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
      ئۈچىنچى، لاتقىلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
      لاتقىلىشىش ئۆستەڭنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك:
      1. ئىلمىي باشقۇرۇش تەدبىرى بولۇش
      ئۆستەڭ لايىھەسىدىكى كۆرسەتكۈچ بويىچە ئېقىم مىقدارىنى كونترول قىلىش، ئۆستەڭ لايىھە كەسمە يۈزىگە كاپالەتلىك قىلىش، شارائىت يار بەرسە قۇم - لاتقا مىقدارى ئاز بولغان سۇنى باشلاش، شۇنداقلا شامال - بوراننىڭ قۇم - توپىلارنى ئۇچۇرتۇپ كېلىپ ئۆستەڭگە تاشلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
      2. قۇرۇلۇشنى تەدرىجىي ئېلىپ بېرىش
      قۇم تازىلاش كونۇسى ياساش، قۇم تازىلاش رىشاتكىسى ۋە ئوقۇرى ياساش، قۇم توسۇش سىستېمىسى ۋە ئېقىتىش ئېغىزى ئورنىتىش، قۇم تازىلاش خەندۇڭى يېڭى تومىسى ئورنىتىش، كەلكۈن ياكى يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرىۋېتىش كۆچۈرمىسى ياكى دوم نو ئورنىتىش كېرەك.
      3. ئۆستەڭ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بىرىش تەدبىرى بولۇش
      ئۆستەڭ لىنىيەسىنى قىسقارتىش ۋە ئۆستەڭ كەسمە يۈزىنى ياخشىلاش ئارقىلىق ئۆستەڭلەردىكى لاتقىنى ئازايتىش ئۆستەڭنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرىنى ئۇزارتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
      قىسقىسى، ئۆستەڭلەرنىڭ ياساش ۋە باشقۇرۇش ئاچقۇچ، ئاسراپ ئىشلىتىش مەقسەت، شۇڭا قۇرۇش بىلەن ئاسراپ باشقۇرۇشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش زۆرۈر. ئەڭ مۇھىمى، ئۆستەڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشى ئاسراپ، ئۆستەڭلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر