تاغ جىنىسلىق ئۇللارنىڭ قۇرۇلۇش مىقدارى كۆپ، تەننەرخى يۇقىرى، ئىش ۋاقتى قىسقا، بىخەتەرلىك مەسىلىسى بىرقەدەر ئېغىر بۇلۇپ، چوقۇم ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. تاغ جىنىسلىق ئۇللارنى قېزىشتىن بۇرۇن رۇدىلار چىقىرىلىدىغان يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش ھەم شامال، سۇ، توك بىلەن تەمىنلەش سىستېمىلىرىغا قارىتا زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ماشىنا - ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم. بۇندىن باشقا، يەنە ئۈنۈملۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تاغ جىنىسلىق ئۇللارنى قېزىشقا توسالغۇ بولىدىغان ئامىللارنى تەلتۆكۈس تۈگىتىش لازىم.
بىرىنچى، تاغ جىنىسلىق ئۇللارنى قېزىشتىن بۇرۇنقى خىزمەتلەر
1. قازماقچى بولغان ئورۇننىڭ ئاساسىي ماتېرىيالى بىلەن پىششىق تونۇشۇش لازىم.
2. سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇش لايىھەسىنىڭ ئۇل ئاساسىغا بولغان كونكرېت تەلىپىنى پىششىق ئىگىلەش لازىم.
3. قۇرۇلۇشنىڭ ئىشلىنىش شارائىتى، قۇرۇلۇش تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي كۈچىنى پىششىق ئىگىلەش لازىم.
4. مۇۋاپىق بولغان كولىنىش دائىرىسى، چوڭقۇرلىقى ۋە كولىنىدىغان ئورۇننىڭ شەكىل ھالىتىنى بەلگىلەش لازىم.
5. تاغ جىنىسلىق ئۇللارنى قازغاندا سۈپەت، سۈرئەت ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەت قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش لازىم:
(1) قازماقچى بولغان ئورۇن دائىرىسىدىكى سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش؛
(2) كولاش خىزمىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش؛
(3)كولايدىغان ئورۇننىڭ دائىرىسى، شەكىللىنىش ھالىتىنى مۇۋاپىق تاللاپ بېكىتىش؛
(4 كولاش ئۇسۇلىنى توغرا تاللاپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش؛
6. تاغ جىنىسلىق ئۇللارنى قېزىشتا ئاساسەن پارتلىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېت شەكىللىرى تېيىز تۆشۈكلۈك پارتلىتىش ئۇسۇلى، چوڭقۇر تۆشۈكلۈك پارتلىتىش ئۇسۇلى، ئۆڭكۈرسىمان پارتلىتىش ئۇسۇلى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئىككىنچى، تاغ جىنىسلىق ئۇللارنى قېزىشنىڭ پىرىنسىپى ۋە تەلىپى
1. پارتلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تاغ جىنىسلىرىنى قازغاندا، قەۋەتلەرگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىش، ھەربىر قەۋەتنىڭ كولىنىش ئېگىزلىكى، ئومۇمىي ئېگىزلىكنىڭ 3/2 قىسمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ھەربىر قەۋەتنىڭ ئېگىزلىكى 8-6 مېتىردىن كىچىك بولماسلىقى لازىم.
2. ئۇل ئاساسىنى قېزىپ بەلگىلىك چوڭقۇرلۇققا يەتكەندە، ئۇل ئاساسىدا يېرىقچە پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چوقۇم بەلگىلىك قېلىنلىقتا ئاسراش قەۋىتى قالدۇرۇلغان بولۇشى لازىم. ئاسراش قەۋىتىنىڭ قېلىنلىقى 3.0-1.5 مېتىرغىچە قالدۇرۇلسا بولىدۇ.
3. تاغ جىنىسلىرىنى قازغاندا، ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ سىلىق بولۇشىغا، ئۈستىگە پومپىيىپ چىقىپ قېلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. چۈنكى تاغ جىنىسلىرى بىلەن بېتوننىڭ بىرىكىشى پۇختا بولمايدۇ. تاغ جىنىسلىرى پومپىيىپ چىقىپ قالسا، قېلىپ تىكلەش قاتارلىق ئىش تۈرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
4. بېتونچىلىق رايونلىرىغا يىقىن يەردە پارتلىتىش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ. پەقەت ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى 30 مېتىردىن ئاشقاندىلا، ئاندىن كىچىك تىپتىكى پارتلىتىش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.
5. كولاش شەكلى: كولاش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارغاندا، »ئۈستىدىن ئاستىغا قاراپ كولاش، ئالدى بىلەن قىرغاقنى كولاش، كېيىن ئوقۇرنى كولاش« پىرىنسىپى ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ.
6. قېزىلغان رۇدىلارنى يۆتكەش ئۇسۇلى: قېزىلغان رۇدىلار ئادەتتە ئادەم كۈچى ئارقىلىق يۆتكەش، ئادەم بىلەن ماشىنىنى بىرلەشتۈرۈپ يۆتكەش ۋە ئاپتوموبىل بىلەن يۆتكەشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ. بۇنداق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ قېزىلغان تاغ جىنىسلىق ئۇللارنىڭ توپىسى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يۆتكىلىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ