بېتون سۈپىتىنىڭ ياخشى - يامان بولۇشى بېتون چىدامچانلىقىنىڭ لايىھە تەلىپىگە يېتىش - يەتمەسلىكىنىڭ كاپالىتى. بۇ پولات چىۋىقلىق بېتون قۇرۇلمىسىنىڭ مۇستەھكەملىكى ۋە ئۇزۇن مۇددەت چىدامچانلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بېتونچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇناسىۋەتلىك خادىملار جازا ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش، ماتېرىيال سەپلەش، بېتوننى ئارىلاشتۇرۇش، بېتوننى توشۇش، بېتوننى قۇيۇش، بېتوننى چىڭداش، بېتوننى ئاسراش قاتارلىق ئىش ھالقىلىرىدا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
1. جازا ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش
جازا ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش جەريانى قۇم - شېغىللارنى قېزىش، مەيدان ئىچىدە توشۇش، پىششىقلاپ ئىشلەشتىن ئىبارەت ئۈچ قەدەم - باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. جازا ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندە يەنجىش، تاسقاپ ئايرىش، يۇيۇپ پاكىزلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىنىدۇ.
2. ماتېرىيال سەپلەش
قۇرۇلۇش لايىھەسىدىكى ماسلاشتۇرۇش نىسبىتىگە ئاساسەن ماتېرىيال سەپلىنىدۇ.
قۇرۇلۇشقا كېرەكلىك ماتېرىياللار ھېسابلاپ چىقىرىلغان مىقدار بويىچە تارازىدا ئۆلچىنىپ سەپلىنىدۇ، ئۆلچىگەن ۋاقىتتىكى خاتالىق پەرقى تۆۋەندىكى دائىرىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك: سېمونت، سۇ ۋە باشقا ئارىلاشمىلارنىڭ %1±، قۇم - شېغىلنىڭ %2±.
3. بېتوننى ئارىلاشتۇرۇش
بېتوننى ئارىلاشتۇرۇش ئادەم كۈچى بىلەن ئارىلاشتۇرۇش ۋە ماشىنا بىلەن ئارىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ماتېرىيال سېلىش تەرتىپى: ماتېرىيال سېلىشتا ئىككى خىل ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ. بىرىنچىسى، بىر قېتىمدىلا سېلىش، يەنى ئاۋۋال شېغىلنى، كېيىن سېمونتنى، ئەڭ ئاخىرىدا قۇمنى سېلىش؛ ئىككىنچىسى، ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ سېلىش: يەنى ئاۋۋال سېمونت، قۇم ۋە سۇ تەكشى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، بىر مىنۇتتىن بىر يېرىم مىنوتقىچە بولغان ئارىلىقتا شېغىل سېلىنىدۇ.
4. بېتون توشۇش
بېتون توشۇش ئۇسۇلىنى تاللىغاندا ئىش ئوبيېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكى، قۇرۇلۇشقا كېرەكلىك بېتون مىقدارى، توشۇش ئارىلىقى، يول ئەھۋالى، ھاۋا رايى شارائىتى، نەق مەيداندىكى ئۈسكۈنىلەر قاتارلىق ئامىللار ئومۇميۈزلۈك كۆزدە تۇتۇلۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئۆز قەرەلىدە تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
1) توشۇشقا قويۇلىدىغان تەلەپلەر
(1) بېتون توشۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
(2) بېتوننى توشۇش جەريانىدا لايلارنىڭ بۆلۈنىشىگە ۋە ئېقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. قېلىپقا يەتكۈزۈلگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە بېتوننىڭ ئولتۇرۇش دەرىجىسىدە ئۆزگىرىش بولماسلىقى كېرەك. مۇشۇنداق شەرت ئاستىدا بېتوننى قۇيۇش ۋە چىڭداش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدۇ.
(3) بېتوننى توشۇغاندا دەسلەپكى قېتىش ھادىسىسىدىن ساقلىنىش، ئايلىنىش قېتىم سانىنى ئازايتىش، لاي ئارىلاشتۇرۇش ماشىنىسىدىن چىققان بېتوننى ۋاقتىدا قېلىپقا قۇيۇش كېرەك.
(4) ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ماركىلىق بېتوننى توشۇغاندا ئالمىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، توشۇش قورالىغا ئەسكەرتىش خاراكتېرلىك بەلگىلەرنى قويۇپ قويۇش كېرەك.
(5) بېتوننى توشۇغاندا ئاپتاپ ۋە يامغۇرنىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
2) بېتون توشۇش شەكلى
ئادەتتە بېتون توشۇغاندا گورزونتال توشۇش، ۋېرتىكال توشۇش ۋە ئۈزلۈكسىز توشۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل شەكىل كۆپرەك قوللىنىلىدۇ.
(1) گورزونتال توشۇش: ئاساسلىقى ئادەم كۈچى، ئاپتوموبىل، موللاقچە ئاپتوموبىل، پويىز قاتارلىق قاتناش قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ توشۇش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ.
(2) ۋېرتىكال توشۇش: ئاساسلىقى كىران بىلەن توشۇش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ.
(3) ئۈزلۈكسىز توشۇش: ئاساسلىقى تاسما بىلەن توشۇش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ.
5. بېتون قۇيۇش باسقۇچلىرى
بېتون قۇيۇش جەريانى قۇيۇشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق، ماتېرىيال كىرگۈزۈش، تەڭشەش ۋە چىڭداش قاتارلىق باسقۇچلارغا بۆلۈنىدۇ.
لاي قۇيۇشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەت: ئۇلنى بىر تەرەپ قىلىش، ئىشتىكى ئۇلانمىنى بىر تەرەپ قىلىش، پولات چىۋىقتىكى ئالدىن كۆمۈلگەن دېتاللارنى تەكشۈرۈش قاتارلىق باسقۇچلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
6. بېتون قۇيۇش شەكلى
بېتون قۇيۇش شەكلى ئاساسلىقى تەكشى قەۋەت بويىچە قۇيۇش، يانتۇ قەۋەت بويىچە قۇيۇش، پەلەمپەيلىك قۇيۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ. بېتون قۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن تەكشىلىنىدۇ ۋە چىڭدىلىدۇ. چىڭداشتىن مەقسەت، بېتون بىلەن قېلىپ، پولات چىۋىق ۋە ئالدىن كۆمۈلگەن دېتاللارنى ياخشى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق يۇقىرى زىچلىقتىكى بېتونغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت.
7. بېتوننى ئاسراش
ئاسراش ۋاقتى شۇ جاينىڭ تېمپېراتۇرىسى، سېمونتنىڭ تۈرى ۋە قۇرۇلمىسى قاتارلىق ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
1) ئادەتتىكى سېمونتنى ماتېرىيال قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان بېتونلارنىڭ ئاسرىلىش ۋاقتى 14 كۈن بولىدۇ.
2) ۋولقان كۈللۈك، كۆمۈر كۈللۈك، رۇدا داشقاللىق سېمونتلارنىڭ ئاسرىلىش ۋاقتى21 كۈن بولىدۇ.
3) مۇھىم قۇرۇلمىلارغا ئىشلىتىلگەن بېتونلارنىڭ ئاسرىلىش ۋاقتى 28 كۈن بولىدۇ، تېمپېراتۇرا5 سىلسىيە گىرادۇس تىن تۆۋەن بولغاندا سۇ چېچىپ ئاسراش ئۇسۇلىنىڭ قوللىنىلىشى توختىتىلىدۇ.
4) بېتوننى ئاسراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش بېتوننىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ئادەتتە بېتوننى ئاسراشتا سامان، ھەرە كېپىكى، شال پاخىلى، ھۆل قۇم قاتارلىق ماتېرىياللار كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ۋېرتىكال ئاسراشتا بولسا سۇ چېچىپ ئاسراش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ