يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزائىگىلىكنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، سۇ ئىشلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز راۋاجلانماقتا ھەم ئوخشىمىغان ئۇسۇلدىكى سۇغۇرۇش سىستېمىلىرى بارلىققا كەلمەكتە. تۆۋەن بېسىملىق سۇغۇرۇش سىستېمىسى بولسا، مۇشۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك سۇغۇرۇش سىستېمىسى بولۇپ، بۇ ئادەتتە سۇ باشلاش يەر يۈزىدە ئەركىن سۇغۇرۇش ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.
تۆۋەن بېسملىق تۇرۇبىلىق سۇغۇرۇش سىستېمىسى ئاساسەن سۇ بايلىقى كەم بولغان، قۇدۇق سۈيى بىلەن سۇغۇرۇلىدىغان رايونلاردا ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ، بولۇپمۇ شىمالىي رايونلاردا كۆپرەك ئومۇملاشقان.
شىمالىي جوڭگودىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ1989- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تۆۋەن بېسىملىق تۇرۇبىلىق سۇغۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق سۇغۇرۇلىدىغان يەر كۆلىمى تەخمىنەن 30 مىليون موغا يەتكەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ خىل سۇغۇرۇش ئۇسۇلى سۇ، ئېنېرگىيە ۋە يەرنى تېجەش، سۇغۇرۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ. ھەرقايسى رايونلارنىڭ تەبىئىي ۋە ئىقتىسادىي شارائىتلىرى ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن، تۆۋەن بېسىملىق تۇرۇبىلىق سۇغۇرۇش سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلى ۋە تۇرۇبا ماتېرىياللىرىنىڭ خىللىرىمۇ تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.
تۇرۇبىلارنى ياتقۇزۇشقا كەلسەك، بۇنىڭ ئوخشاش بولمىغان تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تۈرلۈك شەكىللىرى بار.
1. تۇراقلىق يەر ئاستى تۇرۇبا شەكلى
بۇ خىل شەكىلدىكى تۇرۇبىلار يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن بولۇپ، ئۈچ ئېغىزلىق تۇرۇبىلاردىن پايدىلىنىپ ياكى كىلاپان ئارقىلىق سۇنى ئايرىپ ۋە تەڭشەپ بېرىدۇ. سۇ چىقىرىش ئاغزىدىن چىققان سۇ يەر يۈزىگىچە چىقىپ، ئېرىقچىلار ۋە چۆنەكلەر ئارقىلىق ئېتىز سۇغۇرۇلىدۇ.
ئارتۇقچىلىقى: يەرنى ئاز ئىگىلەيدۇ، يەر ھەيدەشكە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، سۇنى ۋە ئېنىرگىيەنى كۆرۈنەرلىك تېجەپ قالىدۇ، سۇغۇرۇش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ.
يېتەرسىزلىكى: سېلىنىدىغان مەبلەغ بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ.
2. يېرىم تۇراقلىق تۇرۇبا شەكلى
بۇ خىل شەكىلدىكى غول تۇرۇبا ياكى غول تارماق تۇرۇبىلار يەر ئاستىغا كۆمۈلىدۇ، يەر ئۈستىگە چىقىپ تۇرغان سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانى ھەرىكەتچان تۇرۇبىلار بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئېتىزدىكى چۆنەكلەرگە سۇ قۇيۇلىدۇ.
3. يەر يۈزىدىكى يۆتكىلىشچان تۇرۇبا
قۇدۇق ئاغزىدىن ئېتىزغا بارغىچە تۇرۇبىلارنىڭ ھەممىسى يەر ئۈستىدە بولۇپ يۆتكىلىپ تۇرالايدۇ، غول تۇرۇبا قاتتىق سۇلياۋ تۇرۇبىدىن شەكىللىنىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا بولسا، ھەر ئىككىسىلا يۇمشاق تۇرۇبىلاردىن تەشكىللىنىپ يۆتكىلىپ تۇرۇپ سۇغۇرۇش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارىدۇ.
ئارتۇقچىلىقى: ئۆزى ھەرىكەتچان، ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولۇپ، يەر تۈزۈلۈش شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، مەبلەغ كۆپ كەتمەيدۇ.
يېتەرسىزلىكى: تۇرۇبىلار كۆپ قېتىم يۆتكىلىپ تۇرغاچقا مەبلەغ ۋە ئەمگەك كۈچى سەرپ بولىدۇ، يەرنى كۆپ ئىگىلەيدۇ، زىرائەتلەرگە ئوڭايلا دەخلى يېتىدۇ، شۇڭلاشقا بۇنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرىقى ئىككى خىل شەكىلگە قارىغاندا نىسبەتەن تۆۋەنرەك بولىدۇ.
تۆۋەن بېسىملىق تۇرۇبىلىق سۇغۇرۇش سىستېمىسىدا مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا، مەخسۇس تۇرۇبىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلىنىلا ئويلۇشۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە تۇرۇبا ماتېرىياللىرىنىمۇ مۇۋاپىق تاللاش كېرەك. بۇنداق بولغاندا تۆۋەن بېسىملىق تۇرۇبىلىق سۇغۇرۇش سىستېمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەم تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق بولىدۇ.
نۆۋەتتە مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىدا بىرقەدەر كۆپ قوللىنىلىۋاتقان تۇرۇبىلار ماتېرىيالىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ:
1. بېتون تۇرۇبا
بېتون تۇرۇبا كۆپىنچە دىيامېتىرى 200 مىللىمېتىردىن چوڭ بولغان يەر ئاستى تۇرۇبىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ تەننەرخى سۇلياۋ تۇرۇبىلاردىن ئەرزان، بۇ تۇرۇبىلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1 مېتىر، قېلىنلىقى بولسا 3 سانتىمىتىر ئەتراپىدا بولۇپ، تولغىما تۇرۇبا ئارقىلىق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلىدۇ.
2. قاتتىق سۇلياۋ تۇرۇبا
بۇ خىل تۇرۇبىنىڭ يۈز قىسمى سىلىق بولۇپ، ناپور يوقۇلۇش كىچىك بولىدۇ، چىرىشقا چىداملىق كېلىدۇ، تۇرۇبا خېلىلا ئۇزۇن بولۇپ، مەشغۇلات ئېلىپ بىرىشقا قۇلايلىق بولىدۇ، شۇنداقلا كۆمۈلگەن توپىنىڭ بېسىمىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇبا قېلىنلىقىنى كىچىكلەتكىلى، بۇ ئارقىلىق تەننەرخنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بۇ خىل تۇرۇبىلارنىڭ سىرتقى دىيامېتىرى ئاساسەن 160 مىللىمېتىر، 125 مىللىمېتىر،110 مىللىمېتىر بولىدۇ.
3. يەر ئاستىغا كۆمۈلىدىغان يۇمشاق سۇلياۋ تۇرۇبا
بۇ خىل تۇرۇبىنىڭ قېلىنلىقى 0.5 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنى يەر ئۈستىدە يۆتكەپ تۇرۇپ سۇغۇرۇشقا ئىشلىتىپلا قالماستىن، يەنە يەر ئاستىغا كۆمۈپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل تۇرۇبىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
لايىھەدىكى كۆمۈلۈش چوڭقۇرلىقى: دەسلەپتە كەڭلىكى-40-60 سانتىمېتىرغىچە بولۇپ »ئوقۇر« شەكلىدىكى ئېرىقچە كولىنىدۇ، كولاش چوڭقۇرلۇقى توڭ توپا قاتلىمىنىڭ ئاستىغىچە بولىدۇ.
ئېرىقچىنىڭ ئاستىغا 8:2 نىسبەت بويىچە 10-5 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا سېمونت توپا ئارىلاشمىسى تەگلىك قىلىپ قۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يۇمشاق تۇرۇبا، ئۈچ ئېغىزلىق تۇرۇبا، كىلاپان قاتارلىق زاپچاسلار قۇراشتۇرۇلۇپ، ئېرىقچىنىڭ ئىچىگە قويۇلىدۇ. تۇرۇبىغا سۇ ماڭدۇرۇپ بېسىم بېرىلىدۇ، سۇ ناپارى 3~2 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۇرۇبا كۆپىيىدۇ. يەر ئاستىغا كۆمۈلىدىغان يۇمشاق تۇرۇبىلارنىڭ ھالقىلىق مەسىلىسى شۇكى: تۇرۇبىلارنى كۆمگەندە سۇ ناپورى بىر خىل بولۇشى كېرەك. تۇرۇبا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، سۇغۇرۇش توختىغاندا تۇرۇبا ئىچىدە 0.2 مىللىمېتىردىن چوڭ بولغان سۇ گورزۇنتىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا يۇمشاق سۇلياۋ تۇرۇبىنىڭ ئىشلىتىش مەزگىلىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ