بېتون سۇ قۇرۇلۇشىدا ئەڭ كەڭ ئىشلىتىلىدىغان بىرىكمە ماتېرىيال بولۇپ، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان بېتون سۇ قۇرۇلۇش بېتونى ياكى سېمونتلىق بېتوننى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ مەھكەملىگى بېسىمغا قارشى مەھكەملىك، سوزۇلۇشقا قارشى مەھكەملىك، ئىگىلىشكە قارشى مەھكەملىك ۋە قايچىلىنىشقا قارشى مەھكەملىكتىن ئىبارەت تۆت خىل بولۇپ، ئۇنىڭ بېسىمغا قارشى مەھكەملىكى ئەڭ كۈچلۈك، لېكىن سوزۇلۇشقا قارشى مەھكەملىكى بېسىمغا قارشى مەھكەملىكنىڭ 8/1 ىگە توغرا كېلىدۇ. بېتوننىڭ بېسىمغا قارشى مەھكەملىكى ناھايىتى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن سوزۇلۇشقا قارشى مەھكەملىكى ئىنتايىن ئاجىز. شۇڭا ھەم بېسىم كۈچىگە ئۇچرايدىغان ھەم سوزۇلۇش كۈچىگە ئۇچرايدىغان رايونلاردا بېتون قۇرۇلمىلارنىڭ ئىچىگە پولات چىۋىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بېتون بېسىم كۈچىنى توسىدۇ، پولات چىۋىق تارتىلىش كۈچىنى توسىدۇ. ئىككى خىل ماتېرىيالنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن تولۇق پايدىلانغاندا بېتوننىڭ يېرىلىشقا قارشى مەھكەملىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
سۇ قۇرۇلۇش ئىنشائاتلىرىنىڭ سۇ ئېقىمى تېز بولغان رايونلار ۋە سۇ ئېقىن ھالىتى ناچار بولغان ئورۇنلاردا يۇقىرى مەھكەملىكتىكى ياكى چايقىلىشقا، سۈركۈلۈشكە قارشىلىقى كۈچلۈك بولغان بېتون لايىھەلەش كېرەك. قانداق قىلغاندا چايقىلىشقا ۋە سۈركۈلۈشكە قارشى بېتوننىڭ يېرىلىشقا، سۈركۈلۈشكە قارشىلىقىنى ئاشۇرۇپ، چايقىلىشقا ۋە سۈركۈلۈشكە قارشى بېتوننىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، بېتوندا يېرىلىش يۈز بېرىش ۋە خام ماتېرىياللارنىڭ سۈپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان سۈركۈلۈشكە چىداملىقلىقى تۆۋەن بولۇشتىن سەرپ بولىدىغان رېمونت قىلىش خىراجىتىنى ئازايىتقىلى بولىدۇ. بۇ سۇ قۇرۇلۇش بېتونى چوقۇم ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە. نۆۋەتتە چايقىلىشقا ۋە سۈركۈلۈشكە قارشى بېتوننىڭ مەھكەملىك دەرىجىسى 40ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولماقتا. بېتون ياسىغاندا ئاساسلىقى تالا ئۇۋاق كۆمۈر كۈلى سىرتتىن قوشۇلغۇچى ئارىلاشتۇرۇلسا بۇ يەنە تالالىق بېتون دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەنئەنىۋى تالالىق بېتون ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا پەقەت پولات تالاسى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ، ئارىلاشتۇرۇش مىقدارى ئادەتتە بېتون ھەجىمىنىڭ %0.5-%2.0 كىچە بولىدۇ، پولات تالالىق بېتون ياكى پولات تالالىق مەھكەملىكى ئاشۇرۇلغان بېتون دەپ ئاتىلىدۇ.
تالا تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يۇقىرى مەھكەملىك، يۇقىرى ئېلاستىكلىقتىكى پولى ئېتىلېن تالاسىنىڭ سۇ قۇرۇلۇش بېتونىدا ئىشلىتىلىش ئورنى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە. پولات تالا بىلەن سېلىشتۇرغاندا تالانىڭ ئالاھىدىلىكى، يۇمشاقلىقى يۇقىرى، سانى كۆپ، سۇ قۇرۇلۇش بېتونىدا ئادەتتە ئىشلىتىش مىقدارى 7.0kg/m بولىدۇ. تولۇق تارقالغاندا 30-20مىليون تال تالا سۇ قۇرۇلۇش بېتونىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر خىل تەكشى قالايمىقان يۆنۈلۈشلۈك تىرەك قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر خىل ئۈنۈملۈك 2 - دەرىجىلىك مەھكەملىك ئۈنۈمىنى پەيدا قىلىدۇ.
تالا ئارىلاشتۇرۇلغان چايقىلىشقا ۋە سۈركۈلۈشكە قارشى تالالىق بېتوننى تۈزگۈچى ماتېرىياللار تالا سىلىكات كۈلى سىرتتىن قوشۇلغان ماتېرىياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
پولات تالا ئادەتتە كاربونات قۇرۇلمىلىق پولات، بىرىكمە قۇرۇلمىلىق پولات ياكى داتلاشماس پولاتنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىقۇ ياسىلىدۇ. تال - تال شەكىلدە، ئۇزۇنلۇق بىلەن دىيامېتىرى100:50نىسبەتتە بولۇپ ئاسان توپلىشىۋالىدۇ، بېتون لاي ئېتىش جەريانىدا ماتېرىياللار ئارىلاشتۇرۇش ماشىنىسى بىلەن ئايرىلىدۇ.
پولى ئېتىلېن تالاسىنىڭ رەڭگى ئاق، يېرىم سۈزۈك، شەكلى تال - تال ھالەتتە بولۇپ، بېتون لاي ئەتكەندە، تال - تال ھالەتتە تارقىلىدۇ.
تالا ئارىلاشتۇرۇشنىڭ بېتوننىڭ خۇسۇسىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى
(1) تالا ئارىلاشتۇرۇلغاندا بېتوننىڭ ئۆزلىشىشچانلىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى
پولى ئېتىلېن تالاسى ئارىلاشتۇرۇلغاندا بېتون ئارىلاشمىسىنىڭ ئۆزلۈشۈشچانلىقى ياخشى بولغان ئادەتتىكى بېتون بولىدۇ. پولات تالا بىلەن بىرىكمە تالا ئارىلاشتۇرۇلسا، ئارىلاشمىنىڭ يېرىلىشقا قارشىلىقى كۈچلۈك، گەۋدە ماتېرىيالىنىڭ تارقىلىشچانلىقى ۋە چاپلىشىشچانلىقى بىرقەدەر ياخشى بولىدۇ.
(2)تالا قوشۇلغاندا بېتوننىڭ بالدۇر قېتىپ تارىيىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان يېرىلىشنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
بېتونغا تالا ماتېرىيالى قوشۇلغاندىن كېيىن، تالا قوشۇلمىغان بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىرىنچىدىن، سىرتقى قەۋەتتىكى ماتېرىيالدا تالا مەۋجۇت بولغاچقا، ئۇنىڭ سۇ يوقىتىش مەيدانى كىچىكلەپ، سۇ مولېكۇلىلىرىنىڭ يۆتكىلىشى بىرقەدەر قىيىن بولىدۇ ھەمدە كاپىليارلىق نەيچىدە سۇ يوقىتىپ تارىيىشتىن شەكىللەنگەن كاپىليارلىق نەيچىنىڭ كېڭىيىشىنى كىچىكلەتكىلى بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، تالا بېتون ئىچىدە قالايمىقان يۆنىلىشلىك تارقىلىش ۋەزىيتىنى شەكىللەندۈرۈپ، بېتوننىڭ پىلاستىكىلىق تارىيىشىنى ئاجىزلاتقىلى بولىدۇ. تارايغان ئېنېرگىيە مىقدارى ھەر مېتىر كۇبقا مىليونلىغان يۇقىرى سوزۇلۇشقا قارشى مەھكەملىككە ئىگە تالالار تارقىلىپ، بېتوندا ئىنچىكە يېرىقنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، سانسىزلىغان تالالار شەكىللەندۈرگەن تىرەك سىستېمىسى ئۈنۈملۈك ھالدا سۇ ساقلاش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، سۇ ساقلاش تەكشىلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئولتۇرۇشۇپ يېرىلىش يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، تالا بىلەن سېمونت لاي ئوتتۇرىسىدىكى تۇتۇشۇش يۈزىنىڭ يېپىشىش كۈچى، مېخانىزىمنىڭ چايناش كۈچى قاتارلىقلارغا تايىنىپ ماتېرىياللارنىڭ يېرىلىشقا قارشى تۇرالايدىغان پىلاستىكىلىق سوزۇلۇشقا قارشى مەھكەملىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ ھەمدە سۇ يوقىتىپ تارىيىشتىن كېلىپ چىقدىغان كۈچىنىش ماتېرىيالىنىڭ پىلاستىكىلىق سوزۇلۇشقا قارشى مەھكەملىكىدىن كىچىك بولۇپ، ماتېرىيالنىڭ يېرىلىش ئەھۋالىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
تالا ماتېرىيالى ئارلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن بېتوننىڭ بالدۇر يېرىلىشى يۈز بىرىش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. تالا ئارىلاشتۇرۇلمىغان سىناق ئەۋرىشكىسىدىكى يېرىقلار كېسىشىپ تۇتاشقان بولىدۇ. تالا ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن بېتون سىناق ئەۋرىشكىسىدىكى يېرىق كەڭلىكى، ئۇزۇنلۇقى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، يېرىقلار ئاساسەن مۇستەقىل بولىدۇ، تۇتاشمايدۇ.
(3) تالانىڭ بېتونغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى
تالا ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، بېتوننىڭ بىرلىك سۇ مىقدارىنى ئازراق ئاشۇرىدۇ، لېكىن بېتوننىڭ ئۆزلۈشۈشچانلىقى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كوتۈرۈلىدۇ، پولى ئېتىلېن تالاسى ۋە پولات تالانىڭ ھەممىسى بېتوننىڭ بالدۇر قېتىپ تارىيىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان يېرىلىشنى كونترول قىلىش رولىنى ئويناپ، بېتوننىڭ زىچلىقىنى ئاشۇرغىلى، يېرىلىش پەيدا بولۇشنى ئازايتقىلى ۋە بېتوننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كاپىليار تۆشىكىنى كىچىكلىتىپ بېتوننىڭ بىسىمغا قارشى مەھكەملىكى، پىششىقلىقى، قۇرۇپ تارىيىشىنى يۇقىرى كوتۈرگىلى بولىدۇ. ھەر كۇب مېتىر بېتوندا 600 مىڭ ياكى 20 مىليوندىن ئارتۇق، پولى ئېتىلېن تالا ماتېرىيالى بېتوننىڭ ئىچكى قىسمىغا تەكشى تارقىلىدۇ، تالا ماتېرىيالنىڭ ئۆزى بەلگىلىك سوزۇلۇشقا قارشى مەھكەملىككە ئىگە بولغاچقا، بىر كۈچكە ئۇچراش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۈك تەسىرىدە پەيدا بولىدىغان كۈچۈنۈش مەركەزلىشىش ھادىسىسىنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى، بېتوننىڭ سوزۇلۇشقا قارشى مەھكەملىكى بىلەن شەكىل ئۆزگەرتىش خۇسۇسىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ ھەمدە يۇقىرى ئىلاستىكىلىقتىكى پولات تالا بىلەن تۆۋەن ئىلاستىكىلىقتىكى پولى ئېتىلېن تالاسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ، ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان ئىلاستىكىلىقتىكى تالانىڭ ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىش ئالاھىدىلىكىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بېتوندا ھەمكارلىشىش رولىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىتۇننىڭ چايقاشقا، سۈركۈلۈشكە قارشىلىقىنى كۆرنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. نوۋەتتە تالالىق بېتون يول يۈزى، كۆۋرۈك يۈزى، تۇرۇبا يولى، ئۆگزە يۈز تاختىيى قاتارلىقلاردا كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ.
پەن - تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگشىپ، ئىنسانلارنىڭ قۇرۇلۇش ئىقتىدارىغا بولغان تەلىپىمۇ بارغانسېرى يۇقىرىلىماقتا. يېنىك، يۇقىرى مەھكەملىكتىكى چىداملىق، يۇقىرى ئۈنۈملىك، قۇرۇلۇشقا ئىشلەشكە قۇلايلىق بولۇشتەك ئۇنىۋېرسال ئالاھىدىلىككە ئىگە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتنىڭ ئاساسى يۆنىلىشىدۇر.
ھەمبەھىرلىنىڭ