ئۆزبېكىستان مېدىيالىرىنىڭ خەۋىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى يېقىندا 2012 - يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تىرامۋاي مېترو ۋە تاكسىلارنىڭ ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى قارار قىلغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى باھا ئۆستۈرۈشكە ئاساسلىقى يېقىلغۇ، سىلىقلاش مېيى، توك ۋە زاپچاسلار باھاسىنىڭ ئۆسكەنلىكى سەۋەب بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يەنە تەبىئىي گاز، ئىسسىق - سوغۇق سۇ ۋە پار بىلەن تەمىنلەش ھەقلىرىنىمۇ ئۆستۈرىدىكەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ