ئالاتاغ چېگرا پورتى بولسا جۇڭگونىڭ قازاقىستانغا قارىتىلغان ئەڭ چوڭ تۆمۈريول چېگرا پورتى بولۇپ، رۇسىيە ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئالماشتۇرغۇچى مۇھىم چېگرا پورتىدۇر. 2011 - يىلى مەزكۇر چېگرا پورتىنىڭ يۇقىرىقى دۆلەتلەرگە قارىتىلغان ئېكسپورت سوممىسى يەنە بىر قېتىم زور نىسبەتتە ئۆرلىدى.
2011 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مۇخبىرنىڭ ئالاتاۋ چېگرا پورتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2011 - يىلى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە مەزكۇر چېگرا پورتى ئارقىلىق ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسى ئېلىپ بېرىلغان دۆلەتلەر يەنىلا قازاقىستاننى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان بىلەن رۇسىيە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. بۇ دۆلەتلەر ئىچىدە، قازاقىستانغا قارىتىلغان سودا سوممىسى 11 مىليارد 503 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %52.7 ئارتىپ، چېگرا پورتىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %88 ىنى ئىگىلىگەن؛ ئۆزبېكىستان ۋە رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 613 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ۋە 384 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %29.6 ۋە %80.3 ئارتقان.
ئالاتاۋ چېگرا پورتىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى - خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چېگرا سودا سوممىسىنىڭ زور نىسبەتتە ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەب ئاساسلىقى ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ يۇقىرىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر چېگرا پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدىغىنى بايلىق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ دۆلەت ئىچى بازارلىرىدىكى باھاسى ئىزچىل ھالدا ئارتىپ بارغان. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، چېگرا پورتىنىڭ ئېكسپورت سوممىسىمۇ زور نىسبەتتە يۇقىرىلىغان.
ھەمبەھىرلىنىڭ