ھەرقايسى دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرى پۈتكۈل يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئۈمىدسىزلىك بىلەن قارىماقتا. بۇنىڭ سەۋەبى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسى ئىنتايىن قويۇق بولۇپ، بىر دۆلەتتە مەسىلە كۆرۈلسە باشقا شېرىك دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغىمۇ تېزدىن تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەنگىلىيەنىڭ داڭلىق ئىقتىسادشۇناسى nosboD boR نىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە نىسبەتەن قارىشىمۇ شۇنداق. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹ئامېرىكا ۋە ياۋرو رايونىدىكى سېتىلىش مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن، ئەنگىلىيەنىڭ تاۋار ئېكسپورت مىقدارى ئاللىقاچان ئازىيىپ كەتتى. ھازىر بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېكسپورت سوممىسى يۇقىرى ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا بويىچە تاۋار ئىستېمال سۈرئىتى ئاستا بولۇۋاتىدۇ. ياۋروپاغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر›.
ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ئىقتىسادشۇناسى، نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى inibuoR leiruoN مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ‹ئامېرىكىنىڭ مالىيە مەسىلىسى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاش، ياۋروپانىڭ قەرز كىرىزىسى ۋە ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ كاساتلىشىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ <مۇكەممەل بوران - چاپقۇن> شەكىللەندۈرۈش مۇمكىنچىلىكى %30 كە يەتتى. ئىككى يىلدىن كېيىن دۇنيا ئىقتىسادى ئۇنىڭ بارلىق كۈچىنى دۇنياغا تونۇتىدۇ›.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، پەقەت قىسقا مۇددەتلىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە تايىنىپ دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى تېزدىن ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن ئىككىنچى قېتىملىق كىرىزىستىن قۇتۇلغىلى بولىدىكەن.
قازاقىستان مۇتەخەسسىسلىرى خەلقئارا ئىقتىساد ئانالىزچىلىرىنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. قازاقىستان ھۆكۈمىتى قوللانغان كىرىزىسقا قارشى ئىستراتېگىيە بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىدى. بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ يادرولۇق ئىدىيەسى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
قازاقىستان زۇڭتۇڭى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ 2009 - يىلىدىكى مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كۆرسەتكەنىدى. زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ مۇنداق دېدى: ‹ئىجارە مەبلىغىنى ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش زۆرۈر. ھازىر بۇ مەبلەغ ئاساسلىقى ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنى ئىمپورت قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنى ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدىغان ھالەتنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى، شۇڭلاشقا مۇھىم نۇقتىنى تېخنىكىنى سېتىۋېلىپ دۆلەت ئىچىدە كارخانا قۇرۇشقا قارىتىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزىمىز قۇراشتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئىشلەپچىقىرىشنىمۇ كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرالايمىز. ئەلۋەتتە، بۇ ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنىڭ باھاسى ئىمپورت قىلىنغانلىرىدىن خېلىلا ئەرزان بولىدۇ›.
دۆلەت ئىچىدە كارخانا قۇرۇش ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى دۆلەت ئىچىدە ئىستېمال قىلىش ۋە چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈنلا بولماستىن، يەنە خەلقئارا كىرىزىستىن ساقلايدىغان <سۇغۇرتا> دۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار (بانكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرسا، چەت ئەللەرنىڭ مەبلەغ سېلىنمىسى نىسبەتەن ئازىيىدۇ - دە، كىرىزىس زەنجىرسىمان رېياكسىيەسىنىڭ خەتىرى تۆۋەنلەيدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ