رۇسىيەدىكى ماياك گېزىتى يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ‹كېسەك ئالتۇن ئەللىرى ئۇقۇمى ئاتىسى› دەپ نام ئالغان جېم ئونېئىل ‹ئەگەر رۇسىيە كىرىزىس ۋە توقۇنۇش يۈز بېرىشتىن ساقلىنالىسا، ئۇنداقتا 2030 - يىلىدىكى ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىشى، ھەتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىغىمۇ ئەزا بولۇشى مۇمكىن›. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: <رۇسىيە ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇھتاج ئەمەس، ئۇلار پەقەت كىرىزىستىن ساقلىنالىسىلا، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 2017 - يىلى ئىتالىيەنىڭكىدىن، 2020 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە فىرانسىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭكىدىن ئاشۇرالايدۇ، ئاخىرىدا گېرمانىيەنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن>.
ئونېئىل مۇنداق دەپ قارىدى: ‹رۇسىيە يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، نوپۇسنىڭ ئازىيىشىنى كونتول قىلىشى كېرەك، شۇندىلا 2050 - يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 10 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بىرازىلىيە بىلەن تەڭلىشىدۇ. رۇسىيە بۇ قىممەتنى يارىتالمىغان تەقدىردىمۇ، ھېچبولمىغاندا 7 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزەلىشى مۇمكىن، بۇ رۇسىيەنىڭ 2010 - يىلىدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 4 ھەسسىدىن كۆپرەك يۇقىرى›.
ئونېئىل رۇسىيەنىڭ ئەۋزەللىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىللە، چىرىكلىشىش مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ مۇنداق دېدى: <ئەگەر رۇسىيە يوشۇرۇن كۈچىنى ياخشى جارى قىلدۇرالىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى، ھەتتا دۇنياغا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، باي بىر قوشنىسىنىڭ بولۇشى ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال. ئەگەر توقۇنۇش يۈز بېرىپ قالمىسىلا، ئۇنداقتا رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىغا پۇرسەت يارىتىلغان بولىدۇ>.
رۇسىيە ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى گۇلىيېۋ ئونېئىلنىڭ بايانى ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: ‹پۇتىن رۇسىيە بىلەن ياۋروپانىڭ ئەركىن سودا رايونى بەرپا قىلىشىغا قارشى تۇرمايدۇ. رۇسىيە ياۋروپا رايونىغا كىرمەسلىكى كېرەك، چۈنكى ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ۋە پۇلىنىڭ قىممىتىدە زور پەرق بار، بىراق يىراقنى كۆزلىگەندە رۇسىيەنىڭ ھامان بىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئېھتىماللىقى يوق ئەمەس›.
ھەمبەھىرلىنىڭ