ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ھۆكۈمەت ۋە سودا ساھەسىدىكى ۋەكىللەر، چوڭ تىپتىكى چەت ئەل شىركەتلىرى ۋە خەلقئاراغا داڭلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى تۈركمەنىستان پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3 - نۆۋەتلىك خەلقئارا مەبلەغ سېلىش مۇنبىرىگە قاتناشتى. بۇ قېتىملىق مۇنبەرنى تەشكىللىگۈچى تەرەپ تۈركمەنىستان دۆلەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بولۇپ، كۆرگەزمىگە جەمئىي 20 نەچچە دۆلەتتىن 330 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە120چەت ئەل ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە سودا ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە پۇل مۇئامىلە ئىنىستىتۇتىنىڭ رەھبەرلىرى، يەنە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا، كورىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، تۈركىيە، ھىندىستان قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شىركەت ۋە كارخانا ۋەكىللىرى بار. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىم خەلقئارا بانكا، مەبلەغ فوندى، پۇل مۇئامىلە گۇرۇھى، ئىقتىساد ئەلچىلەر ئۆمىكى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى, شۇنداقلا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى ئاشىخاباد شەھىرىگە يىغىلدى.
پايتەختتىكى »مىزان« سودا مەركىزىدە مەزمۇنى مول بولغان نومۇرلار ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ، مۇنبەردە چەت ئەللىك ۋەكىللەرگە تۈركمەنىستاننىڭ ھالقىلىق ئىقتىسادىي ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلىدۇ. بىر قىسىم يىغىنلاردا تۈركمەنىستاننىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سانائەت ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلىم - پەن، يېقىلغۇ ئېنېرگىيە مەنبەسى ئومۇمىي گەۋدىسى، ئېنېرگىيە ئېكسپورت لىنىيەسىنىڭ كۆپخىللىشىشى، يېزا ئىگىلىك، توقۇمىچىلىق سانائىتى، سەھىيە - ساقلىقنى ساقلاش، دورا ياساش، ئۇچۇر ئالاقە، تاشقى سودا ۋە تىجارەت قاتارلىق مەزمۇنلار بار.
يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى يەنە تۈركمەنىستان دۆلىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال قۇرۇلۇشى ۋە مەبلەغ سېلىش بازىرى، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر مەسىلىلىرىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەتنىڭ ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش (دۆلەتنىڭ ‹ئاۋاز› ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇل مۇئامىلە ۋە بانكا ئاپپاراتلىرىنىڭ مەبلەغ كاپىتالىنى شەكىللەندۈرۈشتىكى رولى، ئېكسپورت، باج ۋە كىرېدىت سىياسىتى، غەيرىي دۆلەت ئىگىلىكى ساھەسىدىكى قوللاش، تاشقى ئىقتىساد ۋە مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرىنىڭ قانۇنىيەتلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى مۇنبەردە چەت ئەل شىركەتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن تۈركمەنىستان شىركەتلىرى ۋەكىللىرىنىڭ كۆرۈشۈش ۋە سۆھبەتلىشىش مۇراسىمى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىشىش مۇمكىنچىلىكلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
ئۈچ كۈنلۈك بۇ خەلقئارا مۇنبەردە، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئۇلار قىزىقىدىغان تۈركمەنىستاننىڭ مەبلەغ مۇھىتى ۋە ئىقتىسادتىكى ئىسلاھاتىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە كاپىتالغا مەبلەغ سېلىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى چۈشىنىۋالىدۇ ۋە تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتى ۋە كارخانىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىشنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ