ئىسسىق سۇ ئارقىلىق ئاچچىق كاۋا ئۇرۇقىنى تېز بىخلاندۇرۇش ئۇسۇلى

0 2012-05-30 15:47:49   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      ئاچچىق كاۋا ئۇرۇقىنىڭ پوستى قېلىن بولۇپ، سۇنى سۈمۈرۈشى بىرقەدەر قىيىن. شۇڭا ئۇنى ئىسسىق سۇدا قىزىتىپ ۋە چىلاپ بىخلاندۇرسا، ئۇرۇقنىڭ سۇ سۈمۈرۈپ بىخلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى ۋە بىخلىنىش تېمپېراتۇرا تەلىپىنى قاندۇرۇپ، بىخلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇرۇق يۈزىدىكى كېسەللىك باكتېرىيەسى ۋە ھاشارات تۇخۇمى قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇقنى پاكلاش (دېزىنفېكسىيەلەش) مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئۇرۇقنى تېرىشتىن 6-5 كۈن بۇرۇن چىلاپ بىخلاندۇرسا بولىدۇ. كونكرېت ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
      1. تېمپېراتۇرىسى55 ئەتراپىدىكى سۇنى چايدان ياكى باشقا ئىسسىقلىق ساقلايدىغان قاچىغا قۇيۇپ، ئۇرۇقنى پاكىز يۇيۇپ سۈرتىۋەتكەندىن كېيىن، داكا خالتىغا قاچىلاپ، قاچىدىكى ئىسسىق سۇغا 10 مىنۇت چىلاپ ھەمدە توختىماي ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن30-25لۇق سۇغا 21 سائەتتىن كۆپرەك چىلاپ، ئۇرۇقنى سۈزىۋالغاندىن كېيىن ھۆل لاتا بىلەن ئوراپ قۇتىغا سېلىپ، تېمپېراتۇرىسى30 ئەتراپىدىكى نەملىكى يېتەرلىك بولغان جايغا قويۇپ بىخلاندۇرسا بولىدۇ. بىخلاندۇرۇش جەريانىدا ھەر كۈنى 2 قېتىم تەكشۈرۈپ، سۇسىزلىنىش ۋە نەملىكتىن سېسىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 3-2 كۈندىن كېيىن ئۇرۇق 3 مىللىمېتىر ئەتراپىدا تۆرەلمە يىلتىز چىقارغاندا تېرىسا بولىدۇ.
      2. ئۇرۇقنى℃55 ئەتراپىدىكى ئىسسىق سۇغا چىلاپ، تەبىئىي سوۋۇغاندىن كېيىن يەنە سۇدا 12 سائەتتىن كۆپرەك تۇرغۇزۇپ، ئاندىن سۈزۈۋېلىپ سۈزۈك سۇدا چايقاپ، چىش ياكى ئۇچلۇق ئامبۇر بىلەن ئۇرۇقنىڭ كىندىك قىسمىنى ئازراق يېرىپ، تېمپېراتۇرىسى30 ئەتراپىدىكى نەملىكى يېتەرلىك بولغان جايغا قويۇپ بىخلاندۇرۇپ، 3 مىللىمېتىر ئەتراپىدا تۆرەلمە يىلتىز چىقارغاندا تېرىسا بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر