قازاقىستان خەلقئارا سودا ئىشلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى يېقىندا مەزكۇر مەكتەپ 2012 - يىلىدىن باشلاپ »كېلىنلەر« دەرسلىكىنى تەسىس قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مۇدىر مۇنداق دېدى: ھازىر قازاقىستاندىكى نۇرغۇنلىغان قىزلار ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئانچە بىلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى غەربنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئىنتىلىدۇ. مەكتىپىمىزدە بۇ خىل دەرسلىكنى تەسىس قىلىشىمىزدىكى مەقسەت، قىزلارغا ياتلىق بولۇشتىن ئىلگىرى ياتلىق بولغاندىن كېيىنكى تۇرمۇش تېخنىكىلىرىنى ئۆگىتىش، شۇنداقلا قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.
ھەمبەھىرلىنىڭ